سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ تۈركىيەنىڭ غەززە ئۇرۇشىنى توختىتىش جەريانىدىكى رولىنى ئالقىشلىدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ غەززەدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتتى ۋە تۈركىيەنىڭ غەززە ئۇرۇشىنى توختىتىش جەريانىدىكى رولىنى ئالقىشلىدى.
ترامپ تۈركىيەنىڭ غەززە ئۇرۇشىنى توختىتىش جەريانىدىكى رولىنى ئالقىشلىدى
ترامپ تۈركىيەنىڭ غەززە ئۇرۇشىنى توختىتىش جەريانىدىكى رولىنى ئالقىشلىدى / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قالتىس رەھبەر. ئۇ، غەززە ئۇرۇشىنىڭ توختىتىلىشىغا ھەقىقەتەن بەك ياردەم قىلدى، چۈنكى ئۇ ناھايىتى ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر شەخس» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلاردا تۈركىيەنىڭ رولىنى ئالقىشلاپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى «قالتىس رەھبەر» دەپ تەسۋىرلىدى، ھەمدە ئەنقەرەنىڭ رايوندىكى تەسىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

مىسىردا غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش جەريانى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن رايونغا قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان ترامپ: «تۈركىيە ئاچقۇچلۇق دۆلەت، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قالتىس رەھبەر. ئۇ، غەززە ئۇرۇشىنىڭ توختىتىلىشىغا ھەقىقەتەنمۇ بەك ياردەم قىلدى. چۈنكى ئۇ ناھايىتى ھۆرمەتكە سازاۋەر شەخس. ئۇنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك بىر دۆلىتى بار، ناھايىتى كۈچلۈك ئارمىيەسى بار.»

پىرېزىدېنت ترامپ يەنە، ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان، ھىندونېزىيە ۋە ئىيوردانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ترامپ «ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئالاھىدە» بىر زىيارەت ھارپىسىدا «Air Force One» ناملىق ئايروپىلانىدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلغاندا، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلەرگە پەرۋاسىز پوزىتسىيە تۇتتى.

ترامپ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا ئىشىنىپ ئىشەنمەيدىغانلىقى سورالغاندا: «ئۇرۇش ئاخىرلاشتى. شۇنداقمۇ؟ بۇنى چۈشىنىۋاتامسىلەر؟» دېگەن سۆزلەر بىلەن جاۋاب بەردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ئەردوغان: تۈركىيە، غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقنى قوللايدۇ

 «تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن»

 

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ داۋام قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقى سورالغاندا ترامپ: «مېنىڭچە داۋام قىلىدۇ. كىشىلەر بۇ [توقۇنۇش] تىن زېرىكتى. ئەسىرلەردىن بۇيان شۇنداق بولۇۋاتىدۇ» دېدى.

ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى ئىسرائىلىيە بولدى. پىرېزىدېنت ترامپ ئىسرائىلىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئىسرائىلىيە پارلامېنتىغا خىتاب قىلدى.

ترامپ كېيىن مىسىرنىڭ شەرمۇششەيخ شەھىرىگە ئۆتۈپ، دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان شەرمۇششەيخ تىنچلىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

ترامپ بىلەن مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ باشلىقلار يىغىنى، «غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش، ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى كۈچەيتىش، رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى ھەم مۇقىملىقىنىڭ يېڭى باسقۇچىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش» نى نىشان قىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەسسىسى ۋە ترامپنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. بۇ ئۇچۇر، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران تەرىپىدىن يەكشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ترامپ: غەززە ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىران ئۇرۇشى پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كامپ داۋىدتا يىغىن چاقىردى
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ: ئىران مەسىلىسى ھەل قىلىنسا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەيدۇ
رۇسىيە كىيېۋدىكى يەنە بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلدى، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى