خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ نېتانياھۇنىڭ كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ياردەمچىسىنى ئىسرائىلىيەگە ئەۋەتتى
ترامپ ھاكىمىيىتى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، نېتانياھۇنى غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئىسرائىلىيەگە ئەۋەتتى.
ترامپ نېتانياھۇنىڭ  كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ياردەمچىسىنى ئىسرائىلىيەگە ئەۋەتتى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ياردەمچىسىنى ئىسرائىلىيەگە ئەۋەتتى / AP

«‹The New York Times› گېزىتى» سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ نېتانياھۇنىڭ ھاماس بىلەن تۈزۈلگەن غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى خەتەرگە ئىتتىرىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر خەۋەرنى ئېلان قىلدى.

«‹The New York Times› گېزىتى»  ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئاق ساراي ئەمەلدارلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋانسنىڭ ئىسرائىلىيە زىيارىتىنىڭ نېتانياھۇغا غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بېسىم قىلىشنى ۋە ھاكىمىيەتنىڭ كېلىشىمنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى سىمۋوللۇق ھالدا نامايەن  قىلىشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىتكوف ۋە پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ كۈيئوغلى جارېد كۇشنېرلارمۇ دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە يېتىپ بېرىپ، نېتانياھۇ ۋە باشقا ئەمەلدارلار بىلەن كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى «‹The New York Times› گېزىتى»  گە بەرگەن باياناتىدا، ۋىتكوف بىلەن كۇشنېرنىڭ «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى پارچىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئىستراتېگىيەلىك زىيارىتى «نېتانياھۇنى ھاماسقا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىشنى قايتىدىن باشلىۋېتىشتىن توسۇش» نى مەقسەت قىلغان.

«‹The Times› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋىتكوف بىلەن كۇشنېرنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى «دەسلەپكى كېلىشىمدە بەلگىلەنمىگەن بىر مۇقىملىق كۈچىنىڭ تەشكىل قىلىنىشى ۋە ھاماسنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلۇشى قاتارلىق بىرنەچچە ئىنچىكە مەسىلىلەرگە» مەركەزلەشكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - تۈركىيە، مىسىر، قاتار ۋە ئامېرىكا غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى

 ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى

 ئىسرائىلىيە يەكشەنبە كۈنى غەززەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بىر قاتار شىددەتلىك ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىپ، كەم دېگەندە 44 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى. ئىسرائىلىيە ھاماسنىڭ جەنۇبتىكى رەفاھ شەھىرىدە ئۆزىنىڭ ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) بۇنى رەت قىلدى ۋە باشتىن تارتىپلا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ترامپ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارىماي غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ يەنىلا كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ترامپ تەرىپىدىن تۈزۈلگەن باسقۇچلۇق بىر پىلانغا ئاساسەن 10-ئۆكتەبىر كۈنى غەززەدە يولغا قويۇلغانىدى.

بىرىنچى باسقۇچ پەلەستىنلىك تۇتۇقۇنلار بىلەن ئىسرائىلىيەلىك گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

پىلان يەنە غەززەنى قايتا قۇرۇش ۋە ھاماس قاتناشمىغان يېڭى بىر باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى 68 مىڭ 200 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 170 مىڭ 200 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى قايتا بېسىۋېلىش پىلانىنى يوشۇرۇن قوللىدى

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى