ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
گوللاندىيەدە 250 مىڭ كىشى ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
گوللاندىيەدە 250 مىڭ كىشى ھۆكۈمەتنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈشى ھەم تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
گوللاندىيەدە 250 مىڭ كىشى ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
گوللاندىيەدە 250 مىڭ كىشى ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى / AA
2025-يىلى10-ئاينىڭ6-كۈنى

نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار: «سايلام ئېيىدا پايتەختتە قىزىل سىزىق سىزىش ئارقىلىق، گوللاندىيەدىكى سىياسەتچىلەر ۋە پۇقرالارنى ئىسرائىلىيەگە قارشى قەتئىي ئىرادە بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرىمىز» دېدى.

ئامىستېردام كوچىلىرىدا غەززەددە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىغا قارشى گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان كەڭ كۆلەملىك «قىزىل سىزىق» نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 250 مىڭغا يېقىن ئادەم قاتناشقان. NOS رادىيوسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ نامايىشلاردىن بىرى ئىكەن.

قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيگەن نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ ئىسرائىلىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قارشى سىمۋوللۇق «قىزىل سىزىق» سىزىش مەقسىتىدە، پايتەختتىكى مۇزېي مەيدانىغا (Museumplein) يىغىلغاندىن كېيىن يۈرۈش قىلدى.

تەشكىللىگۈچىلەر ماي ۋە ئىيۇن ئايلىرىدا لاھېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالدىنقى قېتىملىق «قىزىل سىزىق» نامايىشلىرىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 100 مىڭ ۋە 150 مىڭ ئادەمنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار ئۈچىنچى قېتىملىق «قىزىل سىزىق» نامايىشى ئۆتكۈزۈشىنىڭ سەۋەبىنى «ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن ناھايىتى ئاز ئىش قىلىندى» دەپ چۈشەندۈردى.

تەشكىللىگۈچىلەر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«سايلام ئېيىدا پايتەختتە قىزىل سىزىق سىزىش ئارقىلىق، سىياسەتچىلەر ۋە گوللاندىيە خەلقىنى ئىسرائىلىيەگە قارشى قەتئىي ئىرادە بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەم تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرىمىز.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئوكىسفام نوۋىب، پاكس ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى قاتارلىق 130 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۇ يۈرۈشنى قوللىدى. شۇنداقلا، بىرنەچچە يەھۇدىي تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە بۇ سىياسەتلەرنىڭ پۈتۈن يەھۇدىي جەمئىيەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن نامايىشقا قاتناشتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - «يەر شارىۋى سۇمۇد فىلوتى» پائالىيەتچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە يېتىپ كەلدى

 «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوللاشنى توختىتىڭلار»

 نامايىشچىلار گوللاندىيەنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوللاشنى توختىتىشى» ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان 67 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈرگەن غەززە ئۇرۇشىدا دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرىق قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن ۋىۋىسكا ۋە تاختىلارنى ئېلىپ ماڭدى.

باش ۋەزىر دىك شۇف ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، نامايىشچىلارنىڭ «غەزەپ - نەپرەتلىرى، ئەندىشىلىرى ۋە ئۈمىدسىزلىك تۇيغۇلىرىنى» چۈشەنگەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:

«غەززەدىكى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولمايدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى نە قوبۇل قىلغىلى، نە ئاقلىغىلى بولمايدۇ. ھۆكۈمىتىمىز سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئۇرۇش توختىتىشقا ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ.

ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى ئۈمىد بېغىشلىماقتا. گوللاندىيە قاتار ۋە مىسىرنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللىماقتا.

غەززەدىكى ئۇرۇش توختىشى ۋە ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەم ئادىل تىنچلىق ئورنىتىلىشى كېرەك.»

 باشقا جايلاردىكى نامايىشلار

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ئىسرائىلىيە تىنچلىق پىلانىدىن كېيىن غەززەدىكى 3 ھەربىي بازىدا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقچى

 ئىسپانىيەدە 21 پائالىيەتچىنىڭ قايتىپ كېلىشى بىلەن، پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا ئون مىڭلىغان كىشى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

پاكىستاننىڭ سودا پايتەختى كاراچىدا ئون مىڭلىغان كىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە قورشاۋ ئاستىدىكى رايوندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىغا قارشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى بۇزۇشقا چاقىرىش ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئۈچ رەڭلىك پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ۋە ئەنئەنىۋى كەففىيە (پەلەستىننىڭ مىللىي ئەنئەنىسى ۋە كۈرىشىنىڭ سىمۋولى بولغان) شارپىلىرىنى تاقىغان ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار پاكىستان مىقياسىدا يېڭى بىر نامايىش دولقۇنىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە شەھەرنىڭ ئاساسلىق كوچىسى شاھار – ئى فەيسەلدە نامايىش ئۆتكۈزدى.

بۇ نامايىش  پاكىستاندا يېقىنقى ئايلاردا نۇرغۇن نامايىش يۈرۈشلىرىگە رەھبەرلىك قىلغان ئاساسىي ئېقىمدىكى دىنىي – سىياسىي پارتىيە جامائەت ئىسلامى (ئىسلام جامائىتى) تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

تۈركىيەدە بولسا، ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدە بىر يەرگە جەم بولغان كەڭ خەلق ئاممىسى، قورشاۋ ئاستىدىكى رايوندىكى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۈركىيە ۋە پەلەستىن بايراقلىرىنى لەپىلدەتكەن ھالدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئىزدىنىڭ
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى
ئىسرائىلىيە رەفاھ تونېللىرىدا قاپسىلىپ قالغان 40 ھاماس ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى
تاجىكىستان ئافغانىستاندىن قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملاردا بەش كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
كىرېمىل: پۇتىن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋەكىلى ۋىتكوف بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا رەفاھ رايونىغا ۋە غەززەگە ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى
ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈندە 330 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان سىرىلانكىغا ياردەم بېرىش دولقۇنى باشلاندى