ماكرون: ئىسرائىلىيە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن «داۋاملىق ئۇرۇش» قىلىپ بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالمايدۇ
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن تىنچلىقنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، غەززە پىلانىغا رىئايە قىلىش توغرىسىدا چاقىرىقتا بولدى. ئۇ يەنە، ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئىسرائىلىيەنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق ئۇرۇش قىلىپ بىخەتەرلىكى ياكى مۇقىملىقىنى قەتئىي كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ماكرون بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ نىيۇ يوركتا چاقىرىلغان يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تىنچلىقنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە تەكىتلەپ، پەلەستىن، لىۋان ۋە باشقا رايونلۇق ئاكتىيورلار بىلەن يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ مۇقىمسىزلىقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ سۆزىدە: «قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ياكى مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس» دېدى.
ماكرون غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىگە ئەمەل قېلىش ئۈچۈن، سەيشەنبە كۈنى ئىشەنچلىك بىر پىلاننىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، فىرانسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېتەكچىلىكىدە تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تەييارلانغان «نىيۇ يورك خىتابنامىسى» نىڭ 142 بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزاسى تەرىپىدىن ئىمزالانغانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
رايونلۇق بىخەتەرلىك
سۈرىيە توغرىلىقمۇ توختالغان ماكرون، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، بۇ دۆلەتنىڭ «بىرلىكىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈشى» كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
فىرانسىيەنىڭ سۈرىيە پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭ بارلىق تەركىبىي قىسىملىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئۆتكۈنچى سىياسىي باسقۇچنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ماكرون، ھەممىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ھاكىمىيەتنىڭ مۇقىملىقنى قايتىدىن ئورنىتىش ۋە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ماكرون يەنە، ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى «قايتىدىن تولۇق كونترول ئاستىغا ئېلىنمىغان» ئەھۋالدا، رايونلۇق مۇقىملىقنىڭ تەھدىت ئاستىدا قالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.