سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئاۋسترالىيە بىلەن ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئاۋسترالىيە بىلەن ھىندىستان ھىندى – تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن دۆلەت مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىدى.
ئاۋسترالىيە بىلەن ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئاۋسترالىيە بىلەن ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىدى / AP

كانبېررا بىلەن يېڭى دېھلى ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت مۇداپىئە كېلىشىمى ھەربىي ھەمكارلىق ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى ماس قەدەمدە قوغداشنى نىشان قىلىدۇ.

ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى پەيشەنبە كۈنى، ئاۋسترالىيەنىڭ ھىندى – تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇقىملىقنى قوغداش نىشان قىلىنغان بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىدى.

ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېس راجنات سىڭخنىڭ 2013 – يىلدىن بۇيان ئاۋسترالىيەنى زىيارەت قىلغان تۇنجى ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مارلېسنىڭ ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئاۋسترالىيە بىلەن ھىندىستان يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ھەمكارلاشقۇچىلىرى بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقىمىز ھىندى – تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كونكرېت نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.»

مارلېس بىلەن سىڭخ ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدا خادىملارنىڭ ئۆزئارا سۆھبەتلىشىشى ئۈچۈن بىر مۇنبەر قۇرۇش ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىم ئىمزالىدى.

مارلېس ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ھارپىسىدا مۇنداق دېدى:

«بۈگۈن ئىمزالىنىدىغان ئىككى تەرەپلىك كېلىشىملەر دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقىمىزدىكى مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنى ۋە كەلگۈسىدىكى ئورتاق نىشانلىرىمىزنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.»

ھىندىستاننىڭ 7 – ئايدا ئاۋسترالىيەدە ئىككى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان كۆپ دۆلەتلىك «تالىسمان سابېر» ھەربىي مانېۋىرىغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«تالىسمان سابېر» 2005 – يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىسىدا ئورتاق مانېۋىر سۈپىتىدە باشلانغان ئىدى. بۇ يىل 19 دۆلەتتىن 35 مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي خادىم بۇ مانېۋىرغا قاتناشتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - فىلىپپىن بىلەن ئاۋسترالىيە خىتايغا قارشى مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىماقچى

 ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا – خىتاي كۈرىشىدىكى رولى

 

ھىندىستان بىلەن ئاۋسترالىيە ئامېرىكا ۋە ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە «تۆت ئىتتىپاقداش دۆلەت» دەپ ئاتىلىدىغان ئىتتىپاقنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىنىدۇ.

تۆت دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 7 – ئايدا ۋاشىنگتوندا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھىندى – تىنچ ئوكياندا دېڭىز بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلدى.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىشلىرى ئىنستىتۇتى تەتقىقات مەركىزىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچى راجى راجاگوپالان، سىڭخنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىنىڭ ھەم سىمۋوللۇق ھەم ئەمەلىي جەھەتتىن «ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە ئۇدا 12 يىلدىن بۇيان بىر ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئاۋسترالىيەنى زىيارەت قىلمىغانلىقىنى، بىراق مارلېسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلار ئۈچۈن ھىندىستاننى بىرنەچچە قېتىم زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

راجاگوپالان ھىندىستاننىڭ بۇ خىل ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردىن خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھىندى – تىنچ ئوكياندا داۋام قىلىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك كۈرەشتە مۇھىم رول ئويناش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

 «ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن قانچىلىك يېقىنلىشالايدىغانلىقى نۇرغۇنلىغان تارىخىي ئويلىنىشلارغا باغلىقتۇر. بىراق ھىندىستان خىتاينىڭ ھىندىستاننىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە خىتاي مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.»

ئاۋسترالىيە جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى قوشنىلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە.

بۇ دۆلەت دۈشەنبە كۈنى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى بىر گەۋدە قىلىدىغان بىر مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىدى.

بۇ، ئاۋسترالىيەنىڭ 1951 – يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە يېڭى زېلاندىيە بىلەن ئىمزالىغان ANZUS شەرتنامىسىدىن باشقا، ئىتتىپاق دەرىجىسىدە تۈزگەن بىردىنبىر بىخەتەرلىك كېلىشىمى ھېسابلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - خىتاينىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق يېڭى ئىككى ناھىيە قۇرۇشى ھىندىستاننىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»