بۇ بېلەت تاشلاش ھەرىكىتى ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززەنى بېسىۋېلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇددىتىگە ئەمەل قىلماسلىقى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى غەززەدە «دەرھال، شەرتسىز ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش» تەلەپ قىلىنغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنى يەنە بىر قېتىم ۋېتو قىلدى.
دانىيە كېڭەشنىڭ سايلانغان 10 ئەزاسى نامىدىن سۇنغان قارار لايىھەسى 14 ئاۋازغا ئېرىشتى. قارار لايىھەسىدە، «ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كېڭەيتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە پۇقرالارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتكەنلىكى»، بۇ ئەھۋالنىڭ پۈتكۈل دۇنيانى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
شۇنداقلا، ئىسرائىلىيەدىن «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ كىرىشى ۋە تارقىتىلىشىغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنى دەرھال ۋە شەرتسىز بىكار قىلىشى» تەلەپ قىلىندى ھەمدە غەززەدە «ھەرقانداق شەكىلدىكى دېموگرافىيەلىك ياكى تېررىتورىيەلىك ئۆزگىرىش سۇيىقەستى» رەت قىلىندى.
ئامېرىكا غەززەدىكى ئاچارچىلىق توغرىسىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دوكلاتىنى رەت قىلدى
دانىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى كرىستىنا ماركۇس لاسسېن، قاراردا ئۈچ جىددىي تەلەپنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«بۇ قارارنىڭ بىردىن بىر مەقسىتى، ئازاب-ئوقۇبەتنى يېنىكلىتىش ۋە بۇ قورقۇنچلۇق ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت.»
بىراق، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرى ئالاھىدە ئەلچىسىنىڭ ياردەمچىسى مورگان ئورتاگۇس، ۋاشىنگتوننىڭ قارارغا قارشى چىقىشىنىڭ «ھەيران قالارلىق ئەھۋال ئەمەسلىكى» نى، بۇ قاراردا «رايوندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئېقىمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنمىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى. ئورتاگۇس ئىسرائىلىيەنى ھىمايە قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاچارچىلىق دوكلاتلىرىنى رەت قىلدى.
ھۆججەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوللىغان دوكلاتتا غەززەنىڭ بەزى جايلىرىدا ئاچارچىلىقنىڭ باشلانغانلىقى ۋە سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە دەير ئەلبەلەھ ۋە خان يۇنۇسقا كېڭىيىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ «قاتتىق ئەندىشە» پەيدا قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىندى. شۇنداقلا، ھۆججەتتە «پۇقرالارنى ئاچ قويۇش ئارقىلىق ئۇرۇش قورالى قىلىپ ئىشلىتىلگەنلىكى» ئەيىبلەندى ھەمدە «ھاماس ۋە باشقا گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئەسىرلەرنىڭ دەرھال، ئىززەت – ھۆرمەت بىلەن ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىش» چاقىرىقى تەكرارلاندى.
پەيشەنبە كۈنى چىقىرىلغان بۇ قارار، ئامېرىكانىڭ 2023 – يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى قىلىنغان خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىنى ئالتىنچى قېتىم ۋېتو قىلىشى دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023 – يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە، خەلقئارا ئۇرۇش توختىتىش تەلەپلىرىنى رەت قىلماقتا.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋامىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 64 مىڭ پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكلىرى ئاستىدا قالغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقان 11 مىڭ پەلەستىنلىكمۇ بار ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى غەززە دائىرىلىرى دوكلات قىلغاندىنمۇ كۆپ بولۇپ، تەخمىنەن 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. ئىسرائىلىيە يەنە خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلىش توغرىسىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇددىتىنى كۆرمەسكە سالدى
خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بېلەت تاشلاش، ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى تەرىپىدىن ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە قامال قىلىنغان غەززەنى ئىشغال قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بېكىتىلگەن 12 ئايلىق مۇددەتنى كۆرمەسكە سالغان كۈنى ئېلىپ بېرىلدى.
ئومۇمىي كېڭەش 2024 – يىلى 18 – سېنتەبىر كۈنى 14 كە قارشى 124 ئاۋاز بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ «قانۇنسىز» ئىشغالىيىتىنى بىر يىل ئىچىدە ئاخىرلاشتۇرۇشى تەلەپ قىلىنغان قارارنى ماقۇللىدى. قاراردا، ئىشغالىيەتنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ خاتا ھەرىكەت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلۈپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىيەلەيدىغان ھوقۇقىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىندە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشنىڭ ئورنىغا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئىرقىي تازىلاش ئارقىلىق پەلەستىندىكى قانۇنسىز ئىشغالىيىتى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەنلىكى» نى بايان قىلدى.
مەزكۇر ئورگان ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى، 2024 – يىلى ئىيۇلدا خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسى (ICJ) نىڭ مەسلىھەت بېرىش پىكرى ۋە ئومۇمىي كېڭەش قارارىغا جەڭ ئېلان قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتىدا، ئىشغالىيەتنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى جاكارلانغان ۋە «مۇمكىن قەدەر بالدۇرراق» ئاخىرلاشتۇرۇش چاقىرىقى قىلىنغان ئىدى.
ئالدىنقى بىر يىل مابەينىدە، ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ زور بىر قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى ۋە رايون نوپۇسىنى ئاچارچىلىق شارائىتىغا دۇچار قىلدى. ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بولسا، قانۇنسىز زىيونىستلارنىڭ ئولتۇراق رايونلىرى كېڭىيىپ، پەلەستىنلىكلەرنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ۋەقەلىرى كۆپەيدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىندە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ باياناتىدا، ۋەزىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇننى كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:
«بۇ، داۋاملىق جازاسىز قېلىشنىڭ نەتىجىسىدۇر.»











