ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇنى ھاكىمىيەت ئۈچۈن ئەسكەرلەرنى قۇربان قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى «مۇۋەپپەقىيەتسىز باش مىنىستىر» نېتانياھۇنى ھاكىمىيەت ئۈچۈن ئەسكەرلەرنى قۇربان قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇنى ھاكىمىيەت ئۈچۈن ئەسكەرلەرنى قۇربان قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇنى ھاكىمىيەت ئۈچۈن ئەسكەرلەرنى قۇربان قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى / Reuters
2025-يىلى5-ئاينىڭ26-كۈنى

ئۆكتىچىلەر رەھبىرى يائىر گولان: «ئەسكەرلەر ۋە زاپاس كۈچلەر غەززەگە ئەۋەتىلمەكتە، نېتانياھۇ ئۇلارنىڭ باج پۇلىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، (ھەربىي خىزمەتتىن) قاچقان ئاشقۇن ئورتودوكسلارغا پارا سۈپىتىدە بەرمەكتە» دېدى.

ئىسرائىلىيە دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ۋە سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار يائىر گولان، باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنى يەنە بىر قېتىم تەنقىد قىلىپ، ئۇنى چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىدى ھەمدە ھاكىمىيەتتە قېلىش ئۈچۈن ئەسكەرلەرنى ۋە ئىشچىلارنى قۇربان قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گولاننىڭ باياناتى 12-قانالنىڭ نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىگە 2026- - يىللىق دۆلەت خامچوتىنى ئاۋغۇستقىچە تەييارلاش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى. بۇ ھەرىكەت، ھەربىي سەپەرۋەرلىك قانۇنى سەۋەبىدىن بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىن ئايرىلىش بىلەن تەھدىت سالغان ئاشقۇن ئورتودوكس (ھارېدى) پارتىيەلىرىنى تىنىچلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشى دەپ قارالماقتا.

گولان يەكشەنبە كۈنى X سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا، «بۇ بىر پارىدۇر. ئەسكەرلەر ۋە زاپاس كۈچلەر غەززەگە ئەۋەتىلمەكتە، نېتانياھۇ ئۇلارنىڭ باج پۇلىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، (ھەربىي خىزمەتتىن) قاچقان ئاشقۇن ئورتودوكسلارغا پارا سۈپىتىدە بەرمەكتە» دېدى.

گولان يەنە نېتانياھۇنى «ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىزمەتچىلىرىنى ۋە ئىشچىلىرىنى قۇربان قىلىدىغان، تاشلىۋېتىلگەن، چىرىك ۋە مەغلۇپ بولغان باش مىنىستىر» دەپ سۈپەتلىدى.

گولان نېتانياھۇنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا ۋەدە بېرىپ، «ھەممە ئادەم ئۈچۈن مەجبۇرىي ھەربىي خىزمەتنى يولغا قويىمىز. ھەمدە دۆلەتنى ئۆز مۈرىسىدە كۆتۈرگەنلەرگە ھۆرمەت قىلىدىغان بىر دۆلەت بولىمىز» دېدى.

بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى ھارېدى پارتىيەلىرى، شاس پارتىيەسى ۋە بىرلەشمە تەۋرات يەھۇدىيلىقى پارتىيەسى، دىنىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن مەجبۇرىي ھەربىي خىزمەتكە ئۇزۇندىن بۇيان قارشى چىقىپ كەلمەكتە. يېڭى ھەربىي سەپەرۋەرلىك قانۇنى ماقۇللانغان تەقدىردە ھۆكۈمەتتىن ئايرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالماقتا.

12 - قانالنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەكلىپ قىلىنغان 2026-يىللىق خامچوت ھەربىي سەپەرۋەرلىك كرىزىسىنى ھەل قىلمايدۇ، ئەمما ئىچكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئاشقۇن ئورتودوكس گۇرۇپپىلارغا مالىيە تولۇقلىمىسى ئاجرىتىدۇ.

كنېسسېت (ئىسرائىلىيە پارلامېنتى) تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسى يۇلى ئېدېلشتېين تەرىپىدىن تەييارلانغان ھەربىي سەپەرۋەرلىك قانۇن لايىھەسىنىڭ، ئىيۇن بېشىدىكى شاۋۇئوت بايرىمىدىن كېيىن سۇنۇلۇشى كۈتۈلمەكتە.

ساداقەتمەنلىكنى سېتىۋېلىش

خەۋەرگە ئساسلانغاندا، نېتانياھۇ خامچوتنى بالدۇر ماقۇللاپ، ھارېدى پارتىيەلىرىگە قوشۇمچە مەبلەغ ئاجرىتىش ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلماقتا. گولان بۇ ھەرىكەتنى ئاممىۋى مەبلەغنى ئىشلىتىپ «سىياسىي ساداقەتمەنلىكنى سېتىۋېلىش ئۇرۇنۇشى» دەپ سۈپەتلىدى.

ئاشقۇن ئورتودوكس جامائىتى، ئىسرائىلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ 2024-يىلى 25-ئىيۇن خەلقنى ھەربىي خىزمەتكە چاقىرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغىنىدىن بۇيان، ھەربىي سەپەرۋەرلىك قانۇنىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۇ قارار يەنە ھەربىي خىزمەت ئۆتەشنى رەت قىلغان ئوقۇغۇچىلار بار دىنىي ئورگانلارغا مالىيە ياردىمى بېرىشنىمۇ چەكلەيدۇ.

ھارېدىلار ئىسرائىلىيەنىڭ 10 مىليون نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %13 ىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلار دىنىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەربىي خىزمەتكە قارشى چىقىدۇ ھەمدە تەۋرات ئۆگىنىشنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى، دۇنياۋى جەمئىيەتكە سىڭىپ كىرىشنىڭ ئۇلارنىڭ دىنىي كىملىكى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ھارېدى ئەرلىرى ھەربىي خىزمەتتىن كەچۈرۈم قىلىنىش يېشى بولغان 26 ياشقا كىرگۈچە دىنىي تەھسىل ئېلىش باھانىسى بىلەن ھەربىي خىزمەتنى قايتا-قايتا كېچىكتۈرۈپ كەلمەكتە.

ئۆكتىچىلەر نېتانياھۇنى بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى شېرىكلىرى شاس پارتىيەسى ۋە بىرلەشمە تەۋرات يەھۇدىيلىقى پارتىيەسىنى خوشال قىلىش ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھارېدىلارنىڭ ھەربىي خىزمەتتىن كەچۈرۈم قىلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان قانۇنلارنى ماقۇللاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە.

ئىسرائىلىيە قىرغىنچىلىقى

نېتانياھۇغا قاراتقان ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىدلىرى بىلەن تونۇلغان گولان، ئىلگىرى ھۆكۈمەتنى «پەلەستىنلىك بالىلارنى كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈش» بىلەن ئەيىبلەپ، ھەم ھۆكۈمەت ھەم ئۆكتىچىلەر نىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان باياناتى تالاش-تارتىش ياراتقان ئىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى غەززەدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۈپ، جەمئىي 53 مىڭ 900 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى. ئىسرائىلىيە رايوننىڭ كۆپ قىسمىنى ۋەيران قىلىپ، غەززە نوپۇسىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆي-ماكانىدىن ئايرىدى.

ئۆتكەن يىلى نويابىردا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن، غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە يەنە،  مۇداپىئەسىز پۇقرالارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبىدىنمۇ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىغا دۇچ كەلمەكتە.ئىسرائىلىي

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە 2026-يىلى پاكىستاندىكى بەش نېفىتلىكتە چارلاش خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2027-يىلىغىچە رۇسىيە گازىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلغان گولان تۆپىلىكلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى
ماتتارېللا: «ياۋروپا ئورتاق مۇداپىئەسىنى قۇرۇپ چىقالمىسا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ»
ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى ھۇجۇم ئېلىپ باردى
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى