ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
خاقان فىدان: ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسەتلىرىگە كۆپ تەسىرى يوق
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەڭ يېڭى ۋەقەلەرنىڭ ۋاشىنگتوننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسەتلىرىگە بولغان تەسىرىنىڭ ئىلگىرى پەرەز قىلىنغىنىدەك مۇھىم ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەنلىكىنى، ھەتتا بۇنىڭ دەل ئەكسىنىڭمۇ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
خاقان فىدان: ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسەتلىرىگە كۆپ تەسىرى يوق
/ AA
2025-يىلى9-ئاينىڭ19-كۈنى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ۋەقەلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسەتلىرىگە ئىلگىرى پەرەز قىلىنغىنىدەك كۆپ تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا بۇنىڭ ئەكسىنىڭمۇ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

فىدان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن غەززەدە تىنچلىق، سۈرىيەدە مۇقىملىق ئورنىتىش توغرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

 «ئامېرىكانىڭ ئىچكى سىياسىتىدە نەچچە ئون يىلدىن بۇيان شەكىللىنىۋاتقان بىر رېئاللىق بار. بۇ رېئاللىق كىمنىڭ كىمنى كونترول قىلىدىغانلىقى ۋە كىمنىڭ كىمنى باشقۇرىدىغانلىقى رېئاللىقىدۇر. بۇ ئەڭ يېڭى ۋەقەلەردىمۇ ئاشكارا بولدىكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسەتلىرىگە ئىلگىرى پەرەز قىلىنغىنىدەك تەسىرى يوق. بەلكىم بۇنىڭ دەل ئەكسىمۇ مۇمكىن.»

فىدان ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىنى بېسىۋالغاندىن بۇيان رايون ئۈچۈن ھەمىشە مەسىلە بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى، ھەمدە رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ 1967-يىلدىكى چېگرا لىنىيەلىرىگە ئاساسلىنىدىغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ «‹MBC MASR› تېلېۋىزىيە قانىلى» بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە مۇنداق دېدى:

«بىراق، ئىسرائىلىيە ھەرگىزمۇ چىن دىلىدىن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى خالىمىدى. بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ، 1967-يىلدىكى چېگرا لىنىيەلىرىدىن ھالقىغان پەلەستىن زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىش سىياسىتىنى بىر تۇتاش داۋاملاشتۇردى.

بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام دۇنياسىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئەڭ چوڭ مەسىلىسىمۇ بۇ بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى پەلەستىندە داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇم بىلەن بىرلىكتە، رايون ئۈچۈن رەسمىي تەھدىتكە ئايلاندى.»

فىدان دوھادا چاقىرىلغان ئەرەب – ئىسلام پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە يىغىندا ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بىز ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئۆز  زېمىنىغا قوشۇۋېلىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرىمىز ھەم بۇ ھەقتە خىزمەت ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز، شۇنداقلا پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. بۇ رايونلۇق تىنچلىق ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئورتاق مۇداپىئە جىددىي يىغىنى ئېچىشنى قارار قىلدى

 ئىسرائىلىيە قوشنىلىرىنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ

 

مىنىستىر فىدان ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرىنىڭ رايون دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ھەل قىلىنىشىنى ۋە بۇ ھەقتە مۇۋاپىق تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلىشىنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ سىياسەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشى نە ئىسرائىلىيە، نە رايون دۆلەتلىرى ئۈچۈن ياخشى ئەمەس. ئەپسۇسكى ئىسرائىلىيە، بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، رايوندىكى ئۆزىگە يېقىن بولغان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئاجىزلىقلىرىدىن، تېخنىكىلىق جەھەتتىكى قالاقلىقىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ.

مەسىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ئىشغالىيىتى، سۈرىيەدىكى مەۋجۇتلۇقى، ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرى، يەمەندە دائىم پۇقرالار رايونلىرىنى نىشانغا ئېلىشى، ئۇل ئەسلىھەلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا ۋەيران قىلىشى ۋە يېقىنقى ۋاقىتلاردا قاتارغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرى بۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى مىسال بولالايدۇ.»

فىدان ئىسرائىلىيەنىڭ دوھادا ھاماس رەھبەرلىكىگە قارىتىلغان ئەڭ يېڭى ھۇجۇمىنىڭ «مۇرەسسە قىلىش ھەرىكەتلىرى داۋام قىلىۋاتقاندا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى» ئېيتتى.

خەلقئارالىق ئاكتىيورلارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ۋە باشقا توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشتىكى مەغلۇبىيىتىگە ئىشارەت قىلغان فىدان، ھازىرقى سىستېمىنىڭ «جاتەلەپنى قاندۇرۇشتىنمۇ بەكرەك كىرىزىسلارنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋەتكەنلىكىنى» بىلدۈردى.

فىدان ياۋروپا ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، ئىتتىپاقداشلار ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئورگانلارنىڭ دۇنياۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئادەتتە يېتەرسىز قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ، بولۇپمۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قۇرۇلمىسى بۇ مەسىلىدە ھازىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن تولىمۇ يىراق كۆرۈنىدۇ. ب د ت ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك. تېخىمۇ كەم دېگەندە ۋە ھەممە تەرەپ قاتناشقۇچى ھەل قىلىش مېخانىزمىنىڭ روياپقا چىقىرىلىشى لازىم.

ئۇنداق بولمايدىكەن، ھازىرقى ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئالدىغا سىزمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىڭىزدەك، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا قاتارلىق بۇ يەردە نامىنى تىلغا ئالالمىغان نۇرغۇن رايونلۇق ئاكتىيورلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، تېخىمۇ كۆپ ئوخشىمىغان ئىزدىنىشلەرنىڭ بولۇشى مۇقەررەردۇر.»

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزمەكتە.

 پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جەرياندا 65 مىڭ 200 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپىدىكەن.

پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (ۋافا) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكلىرى ئاستىدا 11 مىڭغا يېقىن پەلەستىنلىكنىڭ قالغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن. بىراق، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، قازا قىلغانلارنىڭ ھەقىقىي سانى غەززە دائىرىلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - مىنىستىر خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەلىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىش ئۇرۇنۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ

ئىزدىنىڭ
پەلەستىن باش مىنىستىرى ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ۋيېتنامدا «بۇيالوي» تەيفېڭ بورىنىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
ۋېيتنامدا «بۇۋالوي» ناملىق تەيفېڭ بورىنى 9 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
غەززەگە قاراپ يولغا چىققان «سۇمۇد» ياردەم فىلوتى مىسىرنىڭ شىمالىي دېڭىز قىرغاقلىرىغا يېقىنلاشماقتا
ئىران ياۋروپاغا تەھدىت سالدى
ئەردوغان: ب د ت نىڭ پەلەستىننى قوللىشى مۇھىم، ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت «مۇۋەپپەقىيەتلىك» بولدى
ياردەم ئەترىتى ئىسرائىلىيەنىڭ تەھدىتىگە قارىماي غەززەگە قاراپ يولغا چىقىشقا تەييارلانماقتا
دانىيە ئايرودۇرۇمى گۇمانلىق ئۇچقۇلار سەۋەبىدىن يەنە تاقالدى
ئىسرائىلىيەنىڭ «بىخەتەر رايونى» غەززەدىكى بىر مىليون پەلەستىنلىكنى سۇدىن مەھرۇم قىلدى
غەرب ئەللىرى ئىسرائىلىيەنى غەززەدە ساقلىقنى ساقلاش كارىدورى ئېچىشقا چاقىردى
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا پەلەستىن مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى
ئەرەب دۆلەتلىرى بەزى غەرب ئەللىرىنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالدى
400 دىن ئارتۇق سەنئەتچى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئىسرائىلىيەنى  بايقۇت قىلىشقا چاقىردى
سەئۇدى ئەرەبىستان مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تاراتقۇلىرى ئىسلامئاباد - رىياد مۇداپىئە كېلىشىمىنى ماختىدى
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى
ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ۋە ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن ھۆججەتلىك فىلىم ۋاشىنگتوندا قويۇلدى