خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئورتاق مۇداپىئە جىددىي يىغىنى ئېچىشنى قارار قىلدى
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ قاتارغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، ئورتاق مۇداپىئە جىددىي يىغىنى ئېچىشقا چاقىرىق قىلدى.
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئورتاق مۇداپىئە جىددىي يىغىنى ئېچىشنى قارار قىلدى
/ Reuters
2025-يىلى9-ئاينىڭ16-كۈنى

دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرى باشلىقلىرى جىددىي يىغىنى جەريانىدا ئېچىلغان پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا، ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىنىڭ رايون مۇقىملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، قاتارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

پارس قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ رەھبەرلىرى دۈشەنبە كۈنى، ئىسرائىلىيەنىڭ قاتارغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىنكى ۋەزىيەتكە باھا بېرىش ئۈچۈن، ھەربىي كومىتېت يىغىنىدىن كېيىن، ئورتاق مۇداپىئە كېڭىشىنىڭ جىددىي يىغىن ئېچىشىنى تەلەپ قىلدى.

قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرى پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئېچىلغان پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ نۆۋەتتىن تاشقىرى يىغىنىدا رەھبەرلەر: «بۇ خىل تاجاۋۇزچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشى تىنچلىق يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ھازىرقى كېلىشىملەرنىڭ كەلگۈسىنى خەۋپكە ئىتتىرىدۇ، بۇ ئەھۋال رايوننىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

بۇ ئىبارىلەر دوھادا چاقىرىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ قاتارغا قىلغان ھۇجۇمى مۇزاكىرە قىلىنغان پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئالىي كېڭىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنىنىڭ خۇلاسە باياناتىدىن ئورۇن ئالدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئالىي كېڭىشى قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى قاسىم ئەلبۇدەيۋىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن جىددىي يىغىن ئۆتكۈزگەن.

پەۋقۇلئاددە باشلىقلار يىغىنىغا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مەنسۇر بىن زەيىد ئال نەھيان، بەھرەين پادىشاھىنىڭ مەخسۇس ۋەكىلى شەيخ ئابدۇللا بىن ھەمەد ئال خەلىفە، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان، ئوماننىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىرى شىھاب بىن تارىق ئەل سەئىد ۋە كۇۋەيت تەخت ۋارىسى شاھزادىسى شەيخ ساباھ خالىد ئەلھەمەد ئەسساباھ قاتارلىقلار قاتناشقان.

«ئاشكارا ھۇجۇم»

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ قاتارغا قىلغان ھۇجۇمى «غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا مېڭىۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا قىلىنغان ئاشكارا ھۇجۇم» ۋە «خەلقئارا قانۇنغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش» دەپ تەرىپلەندى.

«ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە قاتار دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئاشكارا تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئەڭ كەسكىن شەكىلدە ئەيىبلەندى» دېيىلگەن باياناتتا يەنە، بۇ ھۇجۇمنىڭ «خەلقئارا قانۇن ۋە ب د ت نىزامنامىسىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ ئىكەنلىكى» تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، «پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكىنىڭ بىر پۈتۈن ئىكەنلىكى، بىر دۆلەتكە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ بارلىق ئەزا دۆلەتلەرگە قىلىنغان ھۇجۇم دەپ قارىلىدىغانلىقى» قەيت قىلىنىپ، ئاساسىي نىزامنامە ۋە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قاتارنىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكى ئىپادىلەندى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، رەھبەرلەر پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئورتاق مۇداپىئە كېڭىشىنى دوھادا جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىرغان ۋە بۇ يىغىندىن ئىلگىرى ئالىي ھەربىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە بۇيرۇق قىلغان.

ئورتاق مۇداپىئە كېڭىشى يىغىنىنىڭ مەقسىتىنىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ قېرىنداش قاتار دۆلىتىگە قىلغان ھۇجۇمى نۇقتىسىدىن، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە ھالىتى ۋە تەھدىت مەنبەلىرىگە باھا بېرىش ھەمدە بىرلەشمە ھەربىي قوماندانلىق ئىشتابىنى ئورتاق مۇداپىئە مېخانىزملىرى ۋە پارس قولتۇقىنىڭ (دۈشمەننى) توسۇش ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىش ئۈچۈن كېرەكلىك مەمۇرىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا يوليورۇق بېرىش» ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيەتلەر

ئالىي كېڭەش «ئىسرائىلىيەنىڭ قاتارغا قىلغان رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇمىنىڭ، پارس قولتۇقىنىڭ كوللېكتىپ خەۋپسىزلىكىگە ۋە رايون تىنچلىقى ھەم مۇقىملىقىغا بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى»نى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئۇندىن باشقا، باياناتتا «بۇ خىل تاجاۋۇزچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشى تىنچلىق يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنى ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ھازىرقى كېلىشىملەرنىڭ كەلگۈسىنى خەۋپكە دۇچار قىلىدۇ، بۇ ئەھۋال رايوننىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى ھەمدە ئىسرائىلىيەنى چەكلەش، خەلقئارا قانۇن ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلىنىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكى» ئالاھىدە تەكىتلەندى.

قاتارنىڭ پايتەختىگە قىلىنغان بۇ ھۇجۇم، ئامېرىكانىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان ھاماس تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان بولۇپ، ھۇجۇمدا ھاماسنىڭ بەش ئەزاسى ۋە قاتارلىق بىر خەۋپسىزلىك خادىمى قازا قىلغان. بۇ ھۇجۇم ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن «قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى» بىلدۈرۈشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا مىقياسىدا ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى.

 

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە 2026-يىلى پاكىستاندىكى بەش نېفىتلىكتە چارلاش خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2027-يىلىغىچە رۇسىيە گازىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلغان گولان تۆپىلىكلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى
ماتتارېللا: «ياۋروپا ئورتاق مۇداپىئەسىنى قۇرۇپ چىقالمىسا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ»
ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى ھۇجۇم ئېلىپ باردى
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى