ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
غەرب ئەللىرى ئىسرائىلىيەنى غەززەدە ساقلىقنى ساقلاش كارىدورى ئېچىشقا چاقىردى
غەرب ئەللىرى ئىسرائىلىيەنى غەززەدە ساقلىقنى ساقلاش كارىدورى ئېچىشقا چاقىردى، ھەمدە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا ياردەم بېرىش تەكلىپى سۇندى.
غەرب ئەللىرى ئىسرائىلىيەنى غەززەدە ساقلىقنى ساقلاش كارىدورى ئېچىشقا چاقىردى
/ AFP

كانادا ۋە ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلار ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىش قېلىشى سەۋەبىدىن، بۇ رايوندىكى بىمارلارنى داۋالاشقا ياردەم بېرىش ۋە غەززەدىن بىمارلارنى تارقاقلاشتۇرۇش چاقىرىقىدا بولدى.

غەرب ئەللىرىدىن تەشكىل تاپقان ئونلارچە دۆلەت دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنى غەززە بىلەن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ئوتتۇرىسىدىكى داۋالاش كارىدورىنى قايتىدىن ئېچىشقا چاقىردى. بۇ دۆلەتلەر غەززەدىكى بىمارلارنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا داۋالىنىشى ئۈچۈن پۇل ياردىمى، داۋالاش خادىملىرى ياكى ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەش تەكلىپىنى سۇندى.

كانادا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بىز ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى بىمارلارنىڭ قايتىدىن تارقاقلاشتۇرۇش شارائىتىغا ئېرىشەلىشى، پەلەستىن زېمىنىدا جىددىي ئېھتىياجلىق داۋالىنىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن  بولالىشى ئۈچۈن، شەرقىي قۇددۇسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا قايتىدىن داۋالاش كارىدورى ئېچىشقا چاقىرىمىز.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ياپونىيە ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىمزا قويمىغان باياناتقا ئىمزا قويغان دۆلەتلەر ئىچىدە ئاۋسترىيە، بېلگىيە، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە پولشا قاتارلىق ئەللەر ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى باردۇر.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«بىز ئىسرائىلىيەنى غەززەگە دورا ۋە داۋالاش ئەسلىھەلىرى يەتكۈزۈشكە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشقا چاقىرىمىز.»

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرى ماي ئېيىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ياردەمگە قويغان قامىلىنى بىكار قىلغاندىن بۇيان، دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىددىي ئېھتىياجلىق ياردەملەرنىڭ غەززەگە پەقەت چەكلىك مىقداردا يېتىپ بارالىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ماي ئېيىدا غەززەنىڭ ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

ئىسرائىلىيە غەززەگە بارلىق كىرىش ئېغىزلىرىنى كونترول قىلىش بىلەن بىرگە، رايوننىڭ يېتەرلىك يېمەكلىك ياردىمى ۋە ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ،  بولۇپمۇ بالىلارنىڭ فوتو سۈرەتلىرى، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ئون مىڭلىغان كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، غەززەنىڭ پۈتۈن نۇپۇسىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى ۋە ئاچارچىلىق كىرىزىسىنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشى پۈتكۈل دۇنيانىڭ قاتتىق غەزەپ – نەپرىتىنى قوزغىدى.

كۆپ ساندىكى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، ئالىملار ۋە ب د ت نىڭ دوكلاتلىرى بۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا پەلەستىن مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بەزى مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرى ۋاشىنگتوننىڭ تەستىقلىمىغانلىقىغا قارىماي، ب د ت دا كىرىزىسنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش يولىدا پەلەستىننىڭ دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشىنى قوللىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ئەردوغان پەلەستىننىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنى ئالقىشلىدى، غەززەدىكى ھۇجۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىدى

ئىزدىنىڭ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»