سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ياپونىيە ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇردى
ياپونىيە ئىسرائىلىيەنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش يولىغا توسقۇنلۇق قىلسا، «يېڭى تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلىدىغانلىقى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ياپونىيە ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇردى
/ Reuters

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى تاكېشى ئىۋايا ب د ت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشنىڭ «ئەمەلگە ئېشىشى ياكى ئەمەلگە ئاشماسلىقى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى قاچان ئەمەلگە ئېشىشى مەسىلىسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە ئىسرائىلىيە پەلەستىندە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش يولىنى توسۇپ قويىدىغان قەدەملەرنى تاشلىسا، «يېڭى تەدبىرلەرنى ۋە جاۋاب قايتۇرۇشنى» ئويلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ئەردوغان پەلەستىننىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىنى ئالقىشلىدى، غەززەدىكى ھۇجۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىدى

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى تاكېشى ئىۋايا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ نىيۇ يوركتا پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدا چاقىرىلغان يىغىنىدا مۇنداق دېدى:

«ياپونىيە پەلەستىن خەلقىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ئارزۇسىنى تولۇق قوللايدۇ.

ئەگەر ئىسرائىلىيە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش يولىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ قەدەملەرنى تاشلىسا، ياپونىيە يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ۋە جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.»

 ئىۋايا توكيونىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش يولىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭ دۆلىتىم ئۈچۈن پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسى، ئەمەلگە ئېشىشى ياكى ئەمەلگە ئاشماسلىقى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى قاچان ئەمەلگە ئېشىشى مەسىلىسىدۇر.»

ئالدىنقى بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە ئاۋسترالىيە، كانادا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، بېلگىيە ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەر پەلەستىننى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيە ھازىرغىچە پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش چاقىرىقلىرىغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا پەلەستىن مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

 ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسى

 

ئىۋايا مۇنداق دېدى:

«غەززەدىكى ئىنسانىي كىرىزىسنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىشى، ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قانۇنسىز ئولتۇراق رايون بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىش ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.

ياپونىيە بۇ ھەرىكەتلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە ئىسرائىلىيەنى بۇ خىلدىكى بارلىق بىر تەرەپلىمىلىك پائالىيەتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىدۇ.

دەرۋەقە، بۇ ئەھۋال ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش يولىنىڭ ئاساسىغا تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان ھالقىلىق ۋە ئەندىشىلىك بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا بېرىپ يەتتى. بۇ ھەقتە ئىسرائىلىيەنى ئاگاھلاندۇرىمىز.»

ياپونىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى قايتا قۇرۇشقا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىۋايا، توكيونىڭ «كەڭ دائىرىلىك  تەۋسىيەلىرىنى تېخىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى ۋە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق ئىچىدە ھەر دائىم   بىرلىكتە  ياشىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - بېلگىيە، مالتا، ئاندوررا، موناكو ۋە لىيۇكسېمبۇرگ ب د ت يىغىنىدا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلدى

ئالدىنقى يىلى ئىيۇل ئېيىدا ياپونىيە ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان زوراۋانلىققا چېتىشلىق بولغان ئىسرائىلىيە پۇقراسى 4 يەھۇدىي كۆچمەنگە تۇنجى قېتىم ئېمبارگو يۈرگۈزگەن ئىدى.

بۇ يىغىن، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىنىڭ 80 – نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن ۋە ب د ت تەتقىقاتچىلىرى: «ئىسرائىلىيە 2023 – يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان 65 مىڭ 300 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن ۋە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن» دەپ يەكۈن چىقىرىشىدىن بىرنەچچە كۈن كېيىن ئۆتكۈزۈلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ھىندونېزىيە غەززەگە تىنچلىق ساقلاش قوشۇنى ئەۋەتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئىزدىنىڭ
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەبۇ زۇھۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا باھا بەر
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيەنىڭ 80 دىن 120 گىچە يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا