سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
7 دۆلەت گۇرۇھى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىدا بولدى
7 دۆلەت گۇرۇھى ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەمدە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىدا بولدى.
7 دۆلەت گۇرۇھى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىدا بولدى
G7 سىياسىي ئىشلار مىنىستىرلىرى ئېستونىيە، پولشا ۋە رۇمىنىيەنىڭ ھاۋا بوشلۇقىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن «قوبۇل قىلىنغۇسىز» دەرىجىدە بۇزۇلغانلىقىغا ئەندىشە بىلدۈردى. / AP Archive

7 دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى غەززەنى قايتا قۇرۇش ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى ئاساس قىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئۈچۈن ئەرەب ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

7 دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنانى قوللاشنى كۈچەيتىش، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ۋە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىدا بولدى، شۇنداقلا ھايتىدا يېڭى خەلقئارالىق بىخەتەرلىكنى ساقلاش ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلىش پىلانىنى تەستىقلىدى.

چارشەنبە كۈنى نىيۇ يوركتا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئارىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، رۇسىيەنىڭ ئېستونىيە، پولشا ۋە رۇمىنىيە ھاۋا تەۋەلىكىنى بېسىۋېلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ھەمدە بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ خەلقئارالىك خەۋپسىزلىكنى ئاجىزلاشتۇرۇش خەۋپىنى توغدۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

 ئۇلار «ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش، كۈچلۈك، مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە گۈللەنگەن ئۇكرائىنا» غا بولغان ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، كىيېۋنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلار رۇسىيەگە قارشى تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي تەدبىر قوللىنىشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى، ئۈچىنچى دۆلەتلەر ئارقىلىق بېرىلگەن قوللاشلارغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىشنى پىلانلىغانلىقلىرىنى ۋە رۇسىيەنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغان مال – مۈلۈكلىرىنى ئۇكرائىنانى قوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىش توغرىسىدىكى مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋاملىشىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى بايان قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ قىرىم مەسىلىسىدىكى تەنقىدلىرىگە قارشى چىقتى

 ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئاساسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق

 

7 دۆلەت گۇرۇھى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. جۈملىدىن غەززەدىكى پۇقرالارنىڭ زور ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، بارلىق گۆرۈگە ئېلىۋېلقنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشىنى توختىتىش چاقىرىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىغان 7 دۆلەت گۇرۇھى، غەززەنى قايتا قۇرۇش ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى ئاساس قىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئەرەب ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - «غەززە بالىلىرى ئاچ بولسا، بىزمۇ ئاچ قالىمىز»... ئاچلىق ئېلانلىرى دولقۇنسىمان شەكىلدە كېڭەيمەكتە

 ب د ت نىڭ ھايتىدا تەسىس قىلىنغۇسى ئىش بېجىرىش ئورنى

 

كارىب دېڭىزىغا مۇناسىۋەتلىك باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە پانامانىڭ ھايتى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياردەم بېرىش ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى. بۇ ئىش بېجىرىش ئورنى ھازىرقى كۆپ دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك ۋاكالەتخانىسىنى قوللاپ، شايكىلارنى تارقىتىۋېتىش، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ھايتى دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان يېڭى بىر كۈچكە ئايلاندۇرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - نابۇت بولۇپ كېتىۋاتقان ئەۋلادلار: ھايتىلىق بالىلار قانداقلارچە قارا گۇرۇھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ؟

 ئىران ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ كەڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

 

مىنىستىرلار ئىراننى يادرو قوراللىرىنىڭ كەڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىرىنسىپلىرىغا تولۇق ئەمەل قىلىشقا، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋە تېھراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان «كۈچلۈك، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە خەلقئارالىق» بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ۋاشىنگتون بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

مىنىستىرلار يەنە ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ يادرو كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن «تېزلەشتۈرۈش» مېخانىزمىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ «ۋەيران قىلىنغانلىقى»نى بىلدۈرگەن ترامپ، ئىران بىلەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلدى

 ھىندى-تىنچ ئوكيان خەۋپسىزلىكى

 

7 دۆلەت گۇرۇھى ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش توغرىسىدىكى ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، شەرقىي ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا، شۇنداقلا تەيۋەن بوغۇزىدا «كۈچ ياكى بېسىم ئارقىلىق بىر تەرەپلىمە ھالدا ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىۋېتىش ئۇرۇنۇشلىرى» غا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلار يەنە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورالسىزلىنىشىنى ۋە ياپونىيەنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەن پۇقرالىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى قوللايدىغانلىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - خىتاي ئامېرىكانى تەيۋەن مەسىلىسىدە ئوت بىلەن ئويناشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

ئىزدىنىڭ
ئىراق باش مىنىستىرى زەيدى تۈركىيەگە كېلىدۇ
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئىران ئۇكرائىنانىڭ ھازار دېڭىزىدا ئىرانغا ئائىت بىر سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا
بېرلىندا ئامما ئارىسىغا بىر ئاپتوموبىل بېسىپ كىردى. 1 كىشى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»