تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: ئىسلام ھەمکارلىق تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش پىروگراممىسى يولغا قويدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر پىروگرامما يولغا قويدىç
ئەردوغان: ئىسلام ھەمکارلىق تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش پىروگراممىسى يولغا قويدى
Turkish President Erdogan gives a speech during the opening ceremony of 41st COMCEC Meeting in Istanbul, November 3, 2025. / AA

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سۈرىيە خەلقىنى قاتناشتىن مائارىپقىچە، بىخەتەرلىكتىن سودىغىچە، ساغلاملىقتىن ئىجتىمائىي مۇلازىمەتلەرگىچە كەڭ ساھەدە قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىق دائىمىي كومىتېتى دائىرىسىدە سۈرىيەنى قوللاش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر پىروگرامما يولغا قويۇلدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى (بۈگۈن) بايانات بېرىپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوللىشىنىڭ، سۈرىيەنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 41-نۆۋەتلىك ئىقتىسادىي ۋە سودا ھەمكارلىق دائىمىي كومىتېتى مىنىستىرلار يىغىنىدا: «ئىنسانىي ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىشكە تۆھپە قوشىدىغان بۇ پىروگرامما بىلەن مائارىپ، مۇتەخەسسىس ئالماشتۇرۇش، ئېھتىياج ئانالىزى ۋە مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەردە سۈرىيەنى تۈرلەر بويىچە قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز... تەخمىنەن 14 يىل جەريانىدا سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىز ناھايىتى ئېغىر بەدەل تۆلىدى. بەئس ھاكىمىيىتىنىڭ ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا 1 مىليونغا يېقىن سۈرىيەلىك قېرىندىشىمىز جېنىدىن ئايرىلدى. 3 مىليون 600 مىڭى تۈركىيەگە كېلىش بىلەن بىرگە، مىليونلارچىسى باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈشكە، ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ جەرياندا سۈرىيەلىك مۇھاجىرلارغا ئەنسارىلار روھى بىلەن مېھماندوستلۇق قىلدۇق» دېدى.

تۈركىيەنىڭ قېرىنداشلىق ۋە قوشنىدارچىلىق بۇرچىنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئادا قىلىشقا تىرىشقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «ئاللاھقا ھەمدۇسانا بولسۇنكى، ئاخىرىدا غەلىبىگە ئېرىشكەنلەر سۈرىيەلىك مەزلۇملار بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان سۈرىيەنى 14 يىل بويىچە قان كۆلىگە ئايلاندۇرغان زۇلۇمنىڭ، 8-دېكابىر ئىنقىلابى بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە سۈرىيەنىڭ پىرېزىدېنت ئەھمەد شارا (شەرئ) نىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك سىياسىتى سايىسىدا قايتىدىن ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىغا كىرگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ قاتناشتىن مائارىپقىچە، بىخەتەرلىكتىن سودىغىچە، ساغلاملىقتىن ئىجتىمائىي مۇلازىمەتلەرگىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەردە سۈرىيە خەلقىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دۆلەتنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ قوغدىلىشى، بارلىق قاتلاملىرى بىلەن سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك باياشاتلىققا ئېرىشىشى نۇقتىسىدا، تەشكىلاتىمىز ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ قوللىشى ناھايىتىمۇ مۇھىم. سۈرىيەنىڭ رايون ئىقتىسادلىرى بىلەن بىرلىشىشى، ھەم سۈرىيەگە ھەم رايونىمىزغا كونكرېت تۆھپىلەرنى سۇنىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى