يەمەندىكى ھۇسىيلار گۇرۇھى قىزىل دېڭىزدا يۈك پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتتى
00:45
ۋىدېيو
يەمەندىكى ھۇسىيلار گۇرۇھى قىزىل دېڭىزدا يۈك پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتتى
يەمەندىكى ھۇسىيلار گۇرۇھى قىزىل دېڭىزدا «Magic Seas» ناملىق يۈك پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتتى.

يەمەندىكى ھۇسىيلار گۇرۇھى 8-ئىيۇل كۈنى  (6-ئىيۇل يۈز بەرگەنلىكى تەخمىن قىلىنىۋاتقان) قىزىل دېڭىزدا كېتىۋاتقان «Magic Seas» ناملىق چوڭ بىر يۈك پاراخوتىغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ ۋىدېيو كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلدى.

 ھۇسىيلار 7-ئىيۇل كۈنى قىزىل دېڭىزدىكى بىر يۈك پاراخوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. 6-ئىيۇل كۈنى بۈيۈك بىرىتانىيە دېڭىز سودا ھەرىكەتلىرى ئىدارىسى (UKMTO) يەمەننىڭ ھۇدەيدە پورتىنىڭ 51 دېڭىز مىلى غەربىي جەنۇبىدا بىر پاراخوتنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ۋىدېيو كۆرۈنۈشلىرىدە، پاراخوتنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئوخشىمىغان جايلىرى كۆرسىتىلگەندىن باشقا، يەمەنلىك گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ پاراخوتقا قوراللىق بېسىپ كىرگەنلىكىمۇ تەكىتلىنىدۇ. ھۇسىيلار گۇرۇھىنىڭ باياناتچىسى يەھيا سارى ھۇجۇمنىڭ «ئىككى كاپىتانسىز پاراخوت، بەش باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۈچ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى» ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

 MarineTraffic نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋىدېيونىڭ ئاخىرىدا، لىبېرىيە بايرىقى ئېسىلغان مەزكۇر يۈك پاراخوتىنىڭ قىزىل دېڭىزغا پۈتۈنلەي چۆكۈپ كەتكەنلىكى كۆرۈلىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ ۋىدېيو
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىككى پەلەستىنلىكنى شېھىت قىلدى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قىبرىس ئارىلىغا كىرىشىگە سەۋەب بولغان ۋەقەلەرنىڭ قىسقىچە بايانى
ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدىن كېيىن رۇسىيەدىكى بىر ئىسكىلاتتا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
ھىندىستان ساقچىلىرىنىڭ يېڭى دېھلىدىكى «تاراكان» ھەرىكىتى نامايىشچىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش كۆرۈنۈشلىرى
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر جامەگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر تېرىلغۇ يەرلەرنى كۆيدۈرۈۋەتتى
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا 5 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيەدىكى يۈرەك شەكىللىك كۆل ھال رەڭگە پۈركەندى
تېھران ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامستېردامدا غەززە دوختۇرخانا باشلىقى ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى