ئامېرىكادا داڭلىق سەنئەتچىلەر ئىسىرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرىلدى
ئامېرىكادا پائالىيەتچىلەر ناشۋىلدا ئۆتكۈزۈلگەن 60-نۆۋەتلىك يىللىق كانتىرى مۇزىكا (Country Music) مۇكاپاتلىرى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن سارايغا، قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى پرويېكسىيە قىلىپ چۈشۈردى.
پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى ھازامى بارمادا، لەينىي ۋىلسون ۋە تېيلور سۋىفت قاتارلىق مەشھۇرلارنى ئاۋازىنى چىقىرىشقا چاقىرغان ئۇچۇرلارنىڭ «كانتىرى مۇزىكا سەنئەتكارلىرىغا ۋە مەستانىلىرىغا، غەززەدە سادىر قىلىنىۋاتقان جىنايەتلەرنى ئەسلىتىش» مەقسىتىدە چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇچۇرلار ئارىسىدا تۆۋەندىكىلەر بار ئىدى: «مەن قىزىل گىلەمدە مېڭىۋاتقىنىمدا، ئامېرىكا باج تاپشۇرغۇچىلىرىنىڭ پۇلى بىلەن غەززەدە يارىلانغان 44 مىڭ 500 بالىنىڭ داۋالىنىشى قامدىلىۋاتىدۇ»، «ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلماقتا: ئاۋازىڭلارنى چىقىرىڭلار» ۋە «100 مىليون ئامېرىكالىق داۋالىنىش قەرزى ئاستىدا تۇرۇۋاتقاندا، ئىسرائىلىيەگە 21.7 مىليارد دوللارلىق ھەربىي ياردەم بېرىلىۋاتىدۇ.»