ئەنگلىيەدە يەھۇدىي جەمئىيىتى تەنقىدكە ئۇچرىدى
ئەنگلىيە لوردى يەھۇدىي جەمئىيىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
لورد ئىندارجىت سىنگ 16-نويابىر لوردلار پالاتاسىدا، ئەنگلىيە يەھۇدىيلىرىغا قارىتىلغان تەھدىتلەرنىڭ كۈچىيىشىنى، ئۆز سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ جەمئىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلىشى بىلەن باغلىدى.
ئۇ يەنە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ئورتاقلىشىپ، ھېسداشلىق قىلىشنى ۋە ئەمەلىي ياردەم بېرىشكە چاقىردى.