تۈركىيە دۇنيادىكى تۇنجى راكېتامىيوتلۇق روبوت ئىت «كوز» نى تونۇشتۇردى
00:57
ۋىدېيو
تۈركىيە دۇنيادىكى تۇنجى راكېتامىيوتلۇق روبوت ئىت «كوز» نى تونۇشتۇردى
«كوز» ئىستانبۇلدىكى «IDEF 2025» خەلقئارا دۆلەت مۇداپىئە كۆرگەزمىسىدە تونۇشتۇرۇلغان نۇرغۇنلىغان تۈرك دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە دۇنيادىكى تۇنجى راكېتامىيوتلۇق روبوت ئىت «كوز» نى تونۇشتۇردى

دۇنيادىكى تۇنجى راكېتامىيوت سەپلەنگەن روبوت ئىت «كوز» بىلەن تونۇشۇڭ. «كوز» تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ماگناتى «روكەتسان» تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «IDEF 2025» خەلقئارا دۆلەت مۇداپىئە كۆرگەزمىسىدە تونۇشتۇرۇلدى.

تۈركىيەنىڭ «روكەتسان» شىركىتى دۇنيادىكى تۇنجى راكېتامىيوتلۇق روبوت ئىت «كوز» نى كۆرگەزمە قىلدى.

«كوز» 2.5 سائەت ئۈزلۈكسىز ئاپتوماتىك ۋەزىپە ئىجرا قىلالايدۇ.

 ئۇ تۆت دانە لازېرلىق يېتەكلىنىدىغان كىچىك تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى 1250 مېتىرغىچە بولغان مۇساپىگە ئاتالايدۇ.

«كوز»نى ھەم ئاپتوماتىك ھەم تىزگىنەك ئارقلىق كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

بۇ ئىجادىيەت تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىستىخبارات، كۆزىتىش ۋە ئالاھىدە ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ ۋىدېيو
ھورمۇز بوغۇزىدا بىر يۈك پاراخوتى دېڭىزغا چۆكتۈرۈۋېتىلدى
خۇسىيلار يەمەن پىرېزىدېنتلىق سارىيىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
غەززدە بىر تۇرالغۇ بىناسى بومباردىمان قىلىندى
غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتكە ئوت قويۇپ بېرىلدى
ھېرزوگ سۆزلەشكە باشلىغاندا خاقان فىدان ۋە 10 دۆلەت ۋەكىلى زالدىن چىقىپ كەتتى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر پەلەستىنلىكلەرنىڭ زەيتۇنلىرىنى ئوغرىلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن مۇخبىرلار ئوت يالقۇنى ئىچىدە قالغان قىزنى قۇتقۇزدى
بىر ئىسرائىلىيەلىك كىشى پەلەستىننى قوللىغۇچى نامايىشچىلار ۋە نىيۇيورك ساقچىلىرى بىلەن جېدەللەشتى
خاككېرلار فىرانسىيەدىكى تاللا بازارلىرىنىڭ توڭلاتقۇلىرىنى «ئوچاق»قا ئايلاندۇردى
كۆچمە توك قاچىلىغۇچلارنى ئايروپىلاندا ئىشلىتىش نېمە ئۈچۈن خەتەرلىك بولۇشى مۇمكىن؟