ئىككى ئىرانلىق ئەنگلىيەدە جازاغا تارتىلدى
ۋىدېيو
ئىككى ئىرانلىق ئەنگلىيەدە جازاغا تارتىلدى
ئەنگلىيەدە ئىككى ئىرانلىق ئۆكتىچى مۇخبىرلارنى كۆزەتكەنلىكى ئۈچۈن، جىنايەتچى دەپ ھۆكۈم قىلىندى.
 

ئەنگلىيەدە ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرىگە ۋاكالىتەن ئۆكتىچى مۇخبىرلارنى كۆزەتكەنلىكى ئېنىقلانغان ئىككى ئىران پۇقراسى، سوت تەرىپىدىن جىنايەتچى دەپ ھۆكۈم قىلىندى.

ئەنگلىيە ساقچىلىرى بۇ دېلونىڭ دۆلەتتە ئىران مەخپىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دائىرىلەر پەيشەنبە (2026-يىلى 12-نويابىر) كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، 41 ياشلىق مۇستافا سەپاھۋەندنىڭ ۋۇلۋىچ خانلىق سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان سوتتا، ئىككى ئايرىم جىنايەت بىلەن، 46 ياشلىق فەرھاد جەۋادى مانەشنىڭ بولسا، ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا چېتىشلىق جىنايەت بىلەن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

سوتلانغان 57 ياشلىق شاپۇر قەلئەھالى خانى نۇرى ئاقلاندى.

ئىران دېلوغا چېتىشلىق جاسۇسلۇق ئەيىبلەشلىرىنى رولىنى رەت قىلدى. ئىراننىڭ لوندون ئەلچىخانىسى ئېكس (X) بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېدى: «ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ لوندون ئەلچىخانىسى ئەنگلىيە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ، بىرلەشمە پادىشاھلىقتىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ياكى ئۇنى قوللاشنى ئىران ھۆكۈمىتىگە ئارتىپ قويۇش خاھىشىدىكى قارا چاپلاش ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. مەزكۇر شەخسلەر بىلەن ئىران ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەرقانداق بىر مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقى ياكى بۇ كىشىلەرنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ھەققىدىكى دەۋالار پۈتۈنلەي ئاساسسىزدۇر.»

تېخىمۇ كۆپ ۋىدېيو
ئىسرائىلىيەنىڭ يېمەك-ئىچمەك يۈك ماشىنىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 3 پەلەستىنلىك قازا قىلدى
ئاشقۇن يەھۇدىي ئەرمەن راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تۈكۈردى
بېرلىن ساقچىلىرى پەلەستىن بايرىقىنى تارتىۋالدى
ئامېرىكادا داڭلىق سەنئەتچىلەر ئىسىرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرىلدى
ئىسىرائىلىيەنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى
غەززەلىك بالىلار ئۈمىد ۋە سالامەتلىك ئۈچۈن سۇ ئۈزدى
«ئورۇچ رەئىس» كاراچى پورتىغا لەڭگەر تاشلىدى
ئەنگلىيەدە يەھۇدىي جەمئىيىتى تەنقىدكە ئۇچرىدى
بىر ئامېرىكالىق ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى
بىرلەشمە قىسىم خۇسىيلارنىڭ بازىلىرىنى بومباردىمان قىلدى