ئىسىرائىلىيەنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى
ئىسرائىلىيەنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى پەلەستىننىڭ «دەلئۇنا» (Dal’ouna) ناخشىسىنى نىشانغا ئالدى.
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر پەلەستىننىڭ ئەنئەنىۋى «دەلئۇنا» (Dal’ouna) مېلودىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئىبرانىيچە دىنىي مەدھىيەلەرنى ئېيتتى. بۇ كۆرۈنۈش پەلەستىن مىراسىنىڭ تارتىۋېلىنىشىنى كونكرېت شەكىلدە نامايان قىلىپ بەردى.
پەلەستىننىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىشقا قارىتىلغان بۇ تىرىشچانلىقلار، تارىخنىڭ ئۆچۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.