سۈرىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى شەنبە كۈنى AFP غا بەرگەن باياناتىدا، ئاغدۇرۇلغان سۈرىيە رەھبىرى بەششار ئەسەد دەۋرىدىكى مۇھىم شەخسلەرگە قارىتىلغان سوتلاشلارنىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرى باشلىنىدىغانلىقىنى ۋە تۇنجى سوتنىڭ بىر سابىق بىخەتەرلىك ئەمەلدارى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن سۆز قىلغان ئەمەلدار: «سابىق سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ سىمۋوللۇق شەخسلىرىگە قارىتىلغان تۇنجى سوت يەكشەنبە كۈنى ئاتىف نەجىب بىلەن باشلىنىدۇ» دېدى. نەجىب ئۆتكەن يىلى يانۋاردا قولغا ئېلىنغان ئىدى.
نەجىب دۆلەتنىڭ 2011-يىلىدىكى قوزغىلاڭنىڭ بۆشۈكى بولغان سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دېرا ۋىلايىتىنىڭ سابىق سىياسىي بىخەتەرلىك باشلىقى ئىدى ۋە بۇ يەردە ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن دەپ ئەيىبلەنمەكتە. نەجىب شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاغدۇرۇلغان رەھبەرنىڭ نەۋرە ئاكىسىدۇر.
مىنىستىرلىق ئەمەلدارى ئەسەدنىڭ يەنە بىر نەۋرە ئاكىسى ۋەسسىم ئەسەد، 2013-يىلدىكى بىر قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسلىق گۇماندارى بولغان بولۇپ، بۇ ھەپتە قولغا ئېلىنغان ئەمجاد يۈسۈف بىلەن «سۈرىيە شەھەر-بازارلىرىنى بومباردىمان قىلىشقا قاتناشقان ئۇچقۇچىلار» نىڭمۇ سوتلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى دېموكراتىيەنى قوللايدىغان نامايىشلارغا قارىتىلغان قاتتىق باستۇرۇش بىلەن باشلانغان ۋە 13 يىل داۋاملىشىپ، يېرىم مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان بىر توقۇنۇشقا ئايلانغان ئىدى.

ئەدلىيە مۇساپىسى
ئەسەد ئارمىيەسى ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە دەسلەپكى دەۋردىكى بوچكا بومبىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ھۇجۇمدا ئون مىڭلىغان كىشى غايىب بولغان، بەزىلىرى دۆلەتنىڭ رەھىمسىز تۈرمە سىستېمىسىغا ئەۋەتىلگەن ئىدى.
سۈرىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى 2024-يىلى دېكابىردىن بۇيان سابىق ئەمەلدارلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى كۆپ قېتىم جاكارلىدى ۋە ئەسەد دەۋرىدىكى زۇلۇملار ئۈچۈن ئادالەت ۋە ھېساب سوراشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى.
ئەسەد پەقەت بىر قانچە يېقىنلىرى بىلەنلا رۇسىيەگە قېچىپ كەتكەن بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىنى تاشلاپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ چەتئەلگە كەتكەنلىكى ياكى ساھىل شەھەرلىرىگە پاناھلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
سۈرىيە ئەدلىيە مىنىستىرى مەزھەر ئەل ۋائىس جۈمە كۈنى X ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، دەمەشىق جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۇزۇن مۇددەت كۈتكەن پەيتتە ئوچۇق سوتلارنىڭ باشلىنىشىغا» تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە بۇ سوتلارنى «ئۆزگىرىش دەۋرىدىكى ئادالەت مۇساپىسىنىڭ بىر قىسمى» دەپ تەسۋىرلىدى.
كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرى، پائالىيەتچىلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت، ئۇرۇش ۋەيران قىلغان بۇ دۆلەتتە ئۆزگىرىش دەۋرىدىكى ئادالەتنىڭ مۇھىملىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى.

ئىنقىلاب
ئەسەدكە قارشى نامايىش ھەرىكىتى 2011-يىلى 15-مارتتا دېرادا، شەھەرنىڭ تاملىرىغا ھۆكۈمەتكە قارشى شوئارلار يازغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 15 ئوقۇغۇچىنىڭ نازارەتكە ئېلىنىشىدىن كېيىن باشلانغان ئىدى.
رايون ئاھالىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن ۋە قانلىق ئاياغلاشقان بىر نامايىشقا يول ئاچقانلىقىنى ئېيتتقان ئىدى.
باستۇرۇشقا مەسئۇل دەپ قارالغان نەجىب ئۇزۇن ئۆتمەيلا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.
نەجىب باشقا سۈرىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىللە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىمبارگو تىزىملىكىدە ئىدى.
ۋەسسىم ئەسەد ئۆتكەن ئىيۇندا قولغا ئېلىنغان ئىدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مالىيە مىنىستىرلىقى 2023-يىلى ئۇنىڭغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈپ، يېرىم ھەربىي قوماندان ئىكەنلىكىنى ۋە «رايونلۇق زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى تورىدىكى مۇھىم بىر شەخس» ئىكەنلىكىنى ئېيتتقان ئىدى.
.jpg?width=1080&format=jpg&quality=80)









