ئىراق پارلامېنتىدا مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىق ۋە بوش ھالەتتىكى مىنىستىرلىق ۋەزىپىلىرى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، ئىراق تۈركمەن فىرونتىدىن تۇنجى قېتىم بىر نامزات دۆلەت مىنىستىرى بولدى. بۇ يىل ئاپرېلدا 100 يىلدىن كېيىن كەركۈك ۋالىيلىقىغا سايلانغان فىرونت رەئىسى مۇھەممەد سەمان ئاغا بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.
ئاغا X ھېسابىدا تۈركچە ئېلان قىلغان يازمىسىدا: «ئىراققا ۋە تۈركمەن خەلقىمىزگە خەيرلىك بولسۇن. ئىنشائاللاھ، ۋەزىپىمىزنى لايىقىدا ئادا قىلىمىز. ئاللاھ يۈزىمىزنى قارا قىلمىسۇن!» دېدى.
ئۇنىڭ 19-ئۆكتەبىر دۈشەنبە كۈنى كەركۈك ۋالىيلىقىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى ۋىلايەتلىك كېڭەشكە سۇنۇشى كۈتۈلمەكتە. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىراق تۈركمەن فىرونتى كېڭەشكە سۇنىدىغان ئۈچ نامزاتنىڭ بىرى ۋالىيلىققا سايلىنىدۇ. كەركۈكتىكى تۈركمەن، كورد ۋە ئەرەب سىياسىي ئىتتىپاقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى نۆۋەتلىشىپ ۋالىيلىق قىلىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، بۇ ۋەزىپە يىل ئاخىرىغىچە تۈركمەنلەردە قالىدۇ.




























