قىرغىزىستان – تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «6-نۆۋەتلىك خەلقئارا تۈرك دۇنياسى ئالاقە ۋە سەنئەت مۇھاكىمە يىغىنى» بىشكەك شەھىرىدە رەسمىي باشلاندى.
بۇ قېتىمقى يىغىن تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاتاقلىق ئاكادېمىكلار، تەجرىبىلىك مۇخبىرلار، كىنو ئىشلىگۈچىلەر، داڭلىق رېژىسسورلار ھەمدە مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن نامايەندىلەرنى بىر سەھنىگە جەم قىلدى.
يىغىن جەريانىدا ۋەكىللەر نۆۋەتتىكى ساھەدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىلارغا مەركەزلىشىدۇ. جۈملىدىن سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەرەققىياتى، قەستەن توقۇلغان ساختا ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىغا زەربە بېرىش، مېدىيانىڭ رەقەملىشىش قەدىمى، كىنو، ئاممىۋى رادىيو-تېلېۋىزىيە مۇلازىمىتى، ئاممىۋى دىپلوماتىيە ۋە كۆرۈنۈشلۈك سەنئەت قاتارلىق كەسىپلەردىكى جىددىي مەسىلىلەر كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۈگۈنكى رەقەملىك دەۋردە ئىجتىمائىي كىملىك ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ۋە يۈزلىنىشلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىنىدىغان ئاساسلىق تېمىلار قاتارىدىن ئالاھىدە ئورۇن ئالىدۇ.
11-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا مۇكاپاتلار ئۆز ئىگىسىنى تاپتى
يىغىن پائالىيىتى دائىرىسىدە، تۈرك دۇنياسى مۇخبىرلار فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن بۇ يىل تۇنجى قېتىم تەسىس قىلىنغان «تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت-سەنئەت مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى» يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەنلەرگە تەنتەنىلىك ھالدا تاپشۇرۇلدى.
بۇنىڭدىن سىرت، «11-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى»دا كۆزگە كۆرۈنۈپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ۋە پېشقەدەم رېژىسسورلارغا مۇكاپاتلىرى تارقىتىلىپ بېرىلدى ھەمدە پائالىيەت ئاخىرىدا مۇكاپاتلانغان بۇ ئېسىل فىلىملەر تاماشىبىنلارغا قويۇپ بېرىلدى.






















