تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە ئېھتىياجلىق يېتىم بالىلارغا مەكتەپ كىيىمى، ئوقۇش ئەسلىھەلىرى ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بەردى.
ئىراق تۈركمەنلىرى قېرىنداشلىق ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى بىلەن ماسلاشتۇرۇلۇپ ئېلىپ بېرىلغان ياردەم خىزمىتىدىن كەركۈكتە ئېھتىياجلىق، يېتىم 150 بالا مەنپەئەتلەندى.
ئىراق تۈركمەنلىرى قېرىنداشلىق ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى رەئىسى ھۈسەيىن كەرىم، تۈركىيە دىيانەت ۋەقفىنىڭ قوللىشى بىلەن ئېھتىياجلىق يېتىم بالىلارغا مەكتەپ كىيىمى ۋە ئوقۇش قوراللىرىنىڭ تارقىتىلغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلگەنلىقىنى بىلدۈردى.
كەرىم يەنە مەكتەپلەر ئېچىلىشتىن قىسقا ۋاقىت بۇرۇن قىلىنغان بۇ ياردەملەرنىڭ يېتىم بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتتى.
ئىراق تۈركمەنلىرى قېرىنداشلىق ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى دەريا كالەلىمۇ ئېھتىياجلىق ۋە يېتىم بالىلارنىڭ ھەر ۋاقىت يېنىدا بولغان تۈركىيە دىيانەت ۋەقفىگە رەھمىتىنى يەتكۈزدى.
كالەلى تۈركىيەدىكى ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئىئانىلىرىنىڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.






















