كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر
00:00
00:0000:00
خەلقئارا
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ت ر ت ئىخلاسمەنلىرى. بۈگۈن 19-دېكابىر پەيشەنبە. كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر پىروگراممىزغا خۇش كەلدىڭلار.... بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
2024-يىلى12-ئاينىڭ19-كۈنى

ئىسرائىلىيە پەلەستىنلىكلەرنى ئۆلتۈرۈشنى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، مۇرەسسەچىلىك قىلغۇچىلار ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

ئامېرىكا ۋە ئەرەب مۇرەسسەچىلىرى ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ئۇدا 14 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان غەززە ئۇرۇشىنى توختىتىش كېلىشىمى تۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشماقتا. سۆھبەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان پەلەستىنلىك بىر ئەمەلدار مۇنداق دېدى: «مۇرەسسەچىلىك قىلغۇچىلارنىڭ تەكلىپ قىلىنغان كېلىشىمنىڭ كۆپلىگەن ماددىلىرى توغرىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرى بارغانسېرى ئازايماقتا.» قاھىرەدىكى مەنبەلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىم ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

سابىق ئامېرىكا ئەمەلدارى ئامېرىكانى پەلەستىن سىياسىتى يوق، ئىسرائىلىيەگە ئەگىشىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى

ئامېرىكالىق سابىق دىپلومات مايك كاسېي ئامېرىكانىنىڭ پەلەستىن سىياسىتىنىڭ يوقلۇقىنى، شۇڭا ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاساسلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ تاللىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئىيۇل ئېيىدا غەززەدىكى باش مىنىستىرنىڭ سىياسىي ئىشلار مۇئاۋىن مەسلىھەتچىلىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن مايك كاسېي، «گاردىيان گېزىتى» بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئامېرىكاغا قارىتا تەنقىدىي قارىشىنى ئوتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ پەلەستىن سىياسىتىمىز يوق. بىز پەقەت ئىسرائىلىيە نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىۋاتىمىز.»

ئىسرائىلىيە يەمەندىكى ئېلېكتر ئىستانسىلىرى، پورتلار ۋە نېفىت مۇئەسسەسەلىرىگە ھۇجۇم قىلدى

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ھۇسىيلار بىلەن بولغان كەسكىنلىكنى كۈچەيتىپ، يەمەندىكى ئېلېكتر ئىستانسىلىرى، پورتلار ۋە نېفىت مۇئەسسەسەلىرىنى بومباردىمان قىلغان. ھۇسىيلارغا تەۋە ئەلمەسىرە تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇملارنىڭ نىشانى پايتەخت سانادىكى ئىككى ئېلېكتر ئىستانسىسى بىلەن ھودەيدا پورتى بولۇپ، ھۇجۇملاردا نېفىت مۇئەسسەسەلىرىمۇ زىيانغا ئۇچرىغان. ئەل-جزىرە تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۈشمەن پورتقا تۆت قېتىم، نېفىت مۇئەسسەسەلىرىگە ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلغان.

تۈركىيە لىۋان ۋە سۈرىيەنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ لىۋاننىڭ «بىرلىكى ۋە تىنچلىقى» نى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئالدىنقى ئايدا لىۋان بىلەن تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى. لىۋان باش مىنىستىرى نەجىب مىقاتى بىلەن بىرلىكتە قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئەردوغان، لىۋاننىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇش ئۇرنۇشلىرىنى ئەيىبلىدى، ھەمدە ئىسرائىلىيەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلىرى ئۈچۈن تۆلەم تۆلەشكە چاقىردى شۇنداقلا لىۋاننىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئەردوغان يەنە تۈركىيە ۋە لىۋاننىڭ سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشتىكى ئورتاق مەسئۇلىيىتىنى تەكىتلەپ، بارلىق مەنپەئەتدار تەرەپلەرنى ئۇرۇش ۋەيران قىلىۋەتكەن بۇ دۆلەتتە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا تۆھپە قوشۇشقا چاقىردى.

ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىقتىسادىي مەنزىرىگە ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلماقتا

ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى 0.25 پىرسەنت تۆۋەنلىتىپ 4.25-4.50 پىرسەنتكە چۈشۈردى. بانكا بۇنىڭدا پۇل پاخاللىقى ئەندىشىسى ۋە پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان دونالد ترامپنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىدىكى نامۇئەييەنلىكنىڭ تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە ئاستا بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى، 2025-يىلىدىكى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قېتىم سانىنى ئىلگىرىكى تۆت قېتىمدىن ئىككى قېتىمغا چۈشۈرۈلۈشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى. سىياسەت تۈزگۈچىلەر يەنە 2024-يىلى پۇل پاخاللىقى 2.1 پىرسەنتتىن 2.5 پىرسەنتكە ئۆرلەيدۇ دەپ مۆلچەرلىدى، ئىقتىسادىي مەنزىرە توغرىسىدا ئېھتىياتچانلىقنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئەكس ئەتتۈردى.

تېخىمۇ كۆپ ئاڭلاڭ
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 12.12.2025
تۈرك يېمەك-ئىچمەكلىرىدىكى يوقالمىغان ئەنئەنە
كۆرۈنمەس تەھدىت
تۈركىيە 2026-يىللىق كىلىمات ئۆزگىرىشى كونفېرانسىغا نامزات بولدى
يالتىراق خالتىلارنىڭ زىيىنى
تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق ئېلىپبەسى
تۈركىيەنىڭ تەنتەربىيەدىكى ئالتۇن دەۋرى
خىتاي نېمىشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئىمتىيازىدىن ۋاز كەچتى؟
ئايدا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش
لابۇبۇ قونچىقى ھەققىدە ھېكايە