كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر
00:00
00:0000:00
خەلقئارا
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر
بۈگۈنكى (8-يانۋار، 2025) مۇھىم خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:
2025-يىلى1-ئاينىڭ8-كۈنى

ئىسرائىلىيەنىڭ بىر پاناھلىنىش ئورنىغا قىلغان ھۇجۇمىدا تۆت بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى

ئىسرائىلىيە غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خان يۇنۇس شەھىرىدىكى بىر «بىخەتەر رايون»غا قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا، تېببىي مەنبەلەرگە كۆرە، ئاز دېگەندە 4 پەلەستىنلىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە كۆپىنچىسى بالىلار بولۇپ، 10 كىشى يارىلانغان. كۆزەتكۈچىلەر، قەتل قىلىنغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئات ھارۋىلىرى بىلەن ناسىر دوختۇرخانىسىغا يۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىسرائىلىيە يەنە ۋىجدان لاگېرىدىكى سەرگەردان ئائىلىلەرنىمۇ بومباردىمان قىلغان.

 

غەززەدىكى ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىۋاتقان ئامېرىكا، سۇداندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۇداننىڭ تېز ياردەم بېرىش قىسىملىرى بىلەن ئىتتىپاقداش قوراللىق گۇرۇپپىلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد ھەمدان داگالوغا جازا يۈرگۈزدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن سىستېمىلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي تازىلاش مەركەزلىك جىنايى قىلمىشلار، كەڭ كۆلەملىك جىنسىي زوراۋانلىقلار ۋە قاچقان پۇقرالارغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى.

سۇدان ئارمىيەسى بىلەن تېز ياردەم بېرىش  قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا 2023-يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش سۇداننى ۋەيران قىلدى، مىليونلىغان كىشىنى يۇرت-ماكانىدىن ئايرىدى ۋە نوپۇسنىڭ يېرىمىنى ئاچارچىلىققا دۇچار قىلدى.

بۇ جەرياندا، پائالىيەتچىلەر ئامېرىكانىڭ غەززەدىكى ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قىلغان ياردىمى بىلەن سۇداندىكى ۋەزىيەت ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىقلار بار دەپ قارىغاچقا، ئامېرىكا ھەققىدىكى تەنقىدلەر ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە. بۇ ئەھۋال ھېساب بېرىش ۋە ئادالەت توغرىسىدىكى خەلقئارالىق مۇنازىرىلەرنى ئەۋجىگە چىقارماقتا.

 

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ساھېل ھەققىدىكى باياناتلىرى تۈپەيلىدىن نارازىلىققا ئۇچرىماقتا

ئېممانۇئېل ماكروننىڭ فىرانسىيەنىڭ ئافرىقا دۆلىتى ساھېلدىكى ئىسيانلارنى باستۇرۇش يولىدىكى ھەربىي تىرىشچانلىقلىرىغا «رەھمەت ئېيتىشنى ئۇنتۇغانلىقى»نى ئىما قىلىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى.

ماكروننىڭ فىرانسىيە باش ئەلچىلىرىگە قىلغان سۆزلىرىنىڭ غەربىي ئافرىقا بىلەن مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلىشىپ كەتكەن بىر پەيتتە يېڭى مۇستەملىكىچىلىك ئەيىبلەشلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

فىرانسىيە مالى، بۇركىنا فاسو ۋە نىگېردا يۈز بەرگەن ئىنقىلابلاردىن كېيىن بۇ دۆلەتلەردىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈردى.

بىر چاغلاردا ئىتتىپاقداش دەپ قارالغان سېنېگال ۋە چادمۇ ئەمدىلىكتە فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا ۋە بۇ ئەھۋال فىرانسىيەنىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدا كەسكىن ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا.

 

لوس ئانژېلېستىكى كۈچلۈك دالا ئوت ئاپىتى كەڭ كۆلەملىك تارقاقلاشتۇرۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

لوس ئانژېلېسنىڭ پاسىفىك پالىسادېس رايونىدىكى 1,262 مو يەرنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتكەن كۈچلۈك دالا ئوت ئاپىتى كەڭ كۆلەملىك تارقاقلاشتۇرۇشلارغا سەۋەب بولدى.

كۈچلۈك شامالنىڭ يالقۇنلارنى ئۇلغايتىشى بىلەن ئوت ئاپىتى رايوندىكى ئۆيلەرگىچە كېڭەيدى، قىستاڭچىلىقتىن يوللار ئېتىلىپ قالغان بولغاچقا، ۋەھىمىگە چۈشكەن رايون ئاھالىسى پىيادە قېچىشقا مەجبۇر بولدى.

ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئايروپىلانلاردىن سۇ تۆكۈپ ئوت ئاپىتىنى تىزگىنلەشكە تىرىشىۋاتقان رايوندا، بۇلدوزېرلار تاشلىۋېتىلگەن ئاپتوموبىللارنى يوللاردىن ئېلىۋەتتى.

كۆزەتكۈچىلەر يالقۇنلارنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

 

ۋە ئاخىرقى خەۋىرىمىز...

لاس ۋېگاستىكى سايبېرتراك پارتلاش ۋەقەسى گۇماندارى ھۇجۇمنى پىلانلاش ئۈچۈن ChatGPT نى ئىشلەتكەن

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى يىلبېشى كۈنى ترامپ مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا پارتلىغان تېسلا سايبېرتراك ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتقان ماتيۇ لىۋېلسبېرگېرنىڭ پىلانلىغان ھۇجۇمى ھەققىدە ئۇچۇر توپلاش ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىل پاراڭلىشىش روبوتى ChatGPT نى ئىشلەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

تەكشۈرگۈچىلەر لىۋېلسبېرگېرنىڭ پارتلاتقۇچ ماددىلار ۋە بۇ پارتلاتقۇچ ماددىلارنىڭ قىلماقچى بولغان ھۇجۇمىدا قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ChatGPT دىن پايدىلانغانلىقىغا دائىر ئىسپاتلارنى تاپتى.

بۇنىڭدىن باشقا، لىۋېلسبېرگېرنىڭ تېلېفونىدىن نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىشلار ۋە ھۇجۇم پىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە بەتلىك بىر «باياننامە»مۇ بايقالدى.

لىۋېلسبېرگېر پارتلاشتىن ئىلگىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. پارتلاشتا يەتتە كىشى يارىلاندى.

تېخىمۇ كۆپ ئاڭلاڭ
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر | 04.12.2025
كۆرۈنمەس تەھدىت
تۈركىيە 2026-يىللىق كىلىمات ئۆزگىرىشى كونفېرانسىغا نامزات بولدى
يالتىراق خالتىلارنىڭ زىيىنى
تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق ئېلىپبەسى
تۈركىيەنىڭ تەنتەربىيەدىكى ئالتۇن دەۋرى
خىتاي نېمىشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئىمتىيازىدىن ۋاز كەچتى؟
ئايدا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش
لابۇبۇ قونچىقى ھەققىدە ھېكايە
يەر تەۋرەشنى ئالدىن مۆلچەرلەش