جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە بارلىق غەززە تىنچلىق تەشەببۇسلىرىنى مۇھىم دەپ قارايدۇ»
بىرازىلىيەلىك كەسپىدىشى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان بىرازىلىيەنىڭ غەززە قىرغىنچىلىقى ئالدىدا سۈكۈت قىلىشنى رەت قىلغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرازىلىيەلىك كەسپىدىشى لۇئىز ئىناسىيو لۇلا دا سىلۋاغا، تۈركىيەنىڭ غەززەدە تىنچلىق ئورنىتىشنى مەقسەت قىلغان بارلىق تەشەببۇسلارنى مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بىرازىلىيەنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقى ئالدىدا سۈكۈت قىلىشنى رەت قىلغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى.
تۈركىيە ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى چارشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى NSosyal ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن لۇلا دا سىلۋانىڭ تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەنقەرەنىڭ غەززەدىكى ئىنسانىي پاجىئەنى ئاخىرلاشتۇرۇش، تىنچلىق ئورنىتىش ۋە پەلەستىن زېمىنلىرىنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. تۈركىيە رەھبىرى يەنە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى نۇرغۇن ساھەلەردە تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان رايوندىكى قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا 71 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى، 171 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى يارىلىدى ۋە غەززەنىڭ پۇقرالار ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ تەخمىنەن يۈزدە 90 پىرسەنتىنى ۋەيران قىلدى. غەززەگە قاراتقان ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇملىرىدا ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى ئاشكارە دەپسەندە قىلىش جەريانىدا، ئىسرائىلىيە ئ ئۈچ مۇخبىر، ئاياللار ۋە بالىلارنىمۇ قوشقاندا ئاز دېگەندە 11 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي بۇففېر رايونلىرى بىلەن بىرگە شىمالىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ زېمىنلارنىڭ يۈزدە 50 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا. ئوق چىقىرىشنى توختىتىش 2025-يىلى 10-ئۆكتەبىردە يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا يەنە 483 پەلەستىنلىك ئۆلدى ۋە 1287 ئادەم يارىلاندى؛ بۇ جەرياندا ئىسرائىلىيە تەخمىنەن 2.4 مىليون پەلەستىنلىك قىيىن شارائىتتا ياشىماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىلىيە غەززەگە يېمەك-ئىچمەك، پاناھلىنىش لازىمەتلىكلىرى ۋە تېببىي ياردەم كىرىشىنى قاتتىق چەكلىگەن ئەھۋالدا تۇرماقتا.