تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئەكرەم ئىمامئوغلۇ چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى
ئىمامئوغلۇ جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىدا چىرىكلىككە مۇناسىۋەتلىك ئەيىبلەش دائىرىسىدە سوراق قىلىندى.
00:00
ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئەكرەم  ئىمامئوغلۇ چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى
ئەكرەم ئىمامئوغلۇ
2025-يىلى3-ئاينىڭ26-كۈنى

ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى ئەكرەم  ئىمامئوغلۇ چارشەنبە كۈنى (2025-يىلى 19-مارت) نازارەت ئاستىغا ئېلىنغاندىن كېيىن، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۈستىدىن باشلانغان چىرىكلىك تەكشۈرۈشى دائىرىسدە رەسمىي قولغا ئېلىندى.

ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپىش ئىدارىسى بۇ توغرىدا: «جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش ئىدارىسى تەرىپىدىن باشلانغان تەكشۈرۈشلەر رامكىسىدا، سۇلھى جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئىمامئوغلۇنى قانۇنغا خىلاپ تەشكىلات قۇرۇش ۋە باشچىلىق قىلىش، پارا ئېلىش، قانۇنغا خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى ساقلاش، سودا توختاملىرىغا پىتنە-پاسات ئارىلاشتۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئېلىشقا؛ تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىشقا كېرەك يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلدى» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش ئىدارىسى ئىمامئوغلۇ بىلەن بىرلىكتە 99 گۇماندار ئۈستىدىن قانۇنغا خىلاپ تەشكىلات قۇرۇش ۋە باشچىلىق قىلىش، قانۇنسىز تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش، پارا ئېلىش، ئومۇمنىڭ مال-مۈلكىنى ئۈستىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش، قويمىچىلىق قىلىش، خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنى قانۇنسىز ھالدا ساقلاش، ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشلىرىغا خېرىدار چاقىرىشتا قانۇنسىزلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان ئىدى.

گۇماندارلار جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرى (22-23-مارت) ساقچى ئىدارىسىدىكى سوراقتىن كېيىن، سۇلھى جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتقا تارتىلغان ئىدى.

ئىمامئوغلۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك| ك ج ك چېتىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەندىن باشقا، «شەھەر مۇرەسسەسى» دەپ ئاتالغان پ ك ك| ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ شەھەرلەردە تەسىرىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىپ قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

تەكشۈرۈش دائىرىسىدە، ئىمامئوغلۇنىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قارمىقىدىكى مېديا چەكلىك شىركىتىنىڭ باشلىقى مۇرات ئونگۇن، ئىمامئوغلۇ قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ مۇدىرى تۇنجاي يىلماز قاتارلىق كىشىلەرمۇ قولغا ئېلىندى.

ئىمامئوغلۇ ۋە باشقا گۇماندارلارنىڭ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى يېنىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى ئىسرائىلىيەدە خىمىيەلىك ئېقىپ كېتىش خەۋپى تۇغدۇردى
ئىران: «پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىدىكى رولى «ھالقىلىق باسقۇچقا يېقىنلاشتى»
فىرانسىيە ئامېرىكانى ئىراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدىكى تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى توختاتتى
تېھران ئاھالىلىرى ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەھدىتلىرىدىن كېيىن ئېنىقسىزلىققا تەييارلىق قىلماقتا
ئەرەب ئەللىرى ئاشقۇن ئوڭچىل ئىسرائىلىيە مىنىستىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ۋاسىتىلىك (ترانسىت) سودىنى باشلىدى
يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى: ئىران  يادرو ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملار توختىتىلىشى كېرەك
ئانتونىيو كوستا: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى قانۇنسز
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت خىمىيە بىرلەشمە زاۋۇتىغا زەربە بەردى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھۇجۇمىدىن كېيىن، پەلەستىندىن خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئىراننىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۇشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتامدۇ؟
پاكىستان: ئىران ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراندا  چۈشۈرىۋېتىلگەن ئايروپىلانلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تەننەرخى 100 مىليون دوللار