ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
تەخمىنەن 2 مىڭ پەلەستىنلىك تۇتقۇن ئەسەد تۈرمىلىرىدە يوقاپ كەتتى
سامىر ئەررىفائى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرمىلىرىدە يوقاپ كەتكەن پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن قىسمەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاستىدا پەلەستىنلىك مۇساپىرلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى تەپسىلىي بايان قىلماقتا.
00:00
تەخمىنەن 2 مىڭ پەلەستىنلىك تۇتقۇن ئەسەد تۈرمىلىرىدە يوقاپ كەتتى
تەخمىنەن 2 مىڭ پەلەستىنلىك تۇتقۇن ئەسەد تۈرمىلىرىدە يوقاپ كەتتى / AFP

پەلەستىننىڭ سۈرىيە باش ئەلچىسى سامىر ئەررىفائى 2000 - يىلدىن 2024 – يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە  بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرمىلىرىدە 1784 پەلەستىنلىك تۇتقۇننىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئۇ، پەلەستىننىڭ دەمەشق ئەلچىخانىسىدا ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن بۇ رەقەملەرنىڭ ھەقىقىي ساننى ئىپادىلىمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى قوشۇمچە ئەھۋاللارنىڭ مەلۇم قىلىنمىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

يوقاپ كەتكەنلەرنى ھۆججەتلەشتۈرۈش

ئەررىفائى يوقاپ كەتكەن تۇتقۇنلارنىڭ ئىسىملىرىنى، تۇتقۇن قىلىنغان ۋاقىتلىرىنى ۋە قولغا ئېلىنغان جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ھۆججەتنى ئوتتۇرغا قويدى.

 ھۆججەتتە، 2013 - يىلى دەمەشقنىڭ مەشرۇ دۇممار رايونىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ماجىد مۇھەممەد شۇمەر ۋە 2014 - يىلى جەنۇبىي سۈرىيەدىكى دىرئە رايونىدا قولغا ئېلىنغان ۋاسىم مەھمۇد بەدران قاتارلىق شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرى ئورۇن ئالىدۇ.

ئەررىفائى بۇ شەخسلەر ئارىسىدا 2013 - ۋە 2014 يىللىرى دەمەشقتە تۇتقۇن قىلىنغان، ئۆزى بىۋاسىتە تونۇيدىغان ئەلائەددىن يۈسۈف ۋە ھائېل ھامىد ئىسىملىك ئىككى پەلەستىنلىك دوختۇرنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ پەقەت 2013 – يىلىلا بەششار ئەسەدنىڭ تۈرمىلىرىدە تەخمىنەن 5 يۈز كىشىنىڭ قىيىن - قىستاق ئاستىدا يوقىتىلغانلىقىنىڭ ھۆججەتلەشتۈرۈلگەنلىكىنى، كېيىنكى يىللاردا بۇ ساننىڭ تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنداق ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كېتىش ئەھۋاللىرى توغرىسىدىكى رەسمىي تىرىشچانلىقلار ھەققىدە سورالغاندا، ئەلچىخانىنىڭ ئەسەد ھۆكۈمىتى بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقە قىلغانلىقىنى، ئەمما ئېنىق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، مەسئۇللارنىڭ داۋاملىق سوئاللارغا باشقىلارغا جاۋاب  بەرگۈزۈپ، بىۋاسىتە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارالىق دوكلاتلاردا مىڭلىغان تۇتقۇننىڭ مەشھۇر سەدنايە تۈرمىسىدە مەخپىي قەتل قىلىنغانلىقى ئوتتۇرغا قويۇلماقتا.

بۇ دوكلاتلارغا قارىغاندا، ئاغدۇرۇۋتىلگەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى 2011 - يىلدىن 2015 - يىلىغىچە ھەر ھەپتىدە ئەللىك ئادەمنى سوتسىز قەتل قىلغان.

بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتى 2011 - يىلى تىنچ سىياسىي ئۆزگىرىش تەلەپ قىلغان نامايىشلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللانغان، بۇ بولسا ۋەيران قىلغۇچ ئىچكى ئۇرۇشنى قوزغىغان.

پەلەستىنلىكلەرنىڭ تىرىشچانلىقلىرى

بەششار ئەسەدنىڭ تۈرمىلىرىدە ئۇدا ئالتە يىل (1985-1991-يىللار) قاماقتا ياتقان ئەررىفائى، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ پەلەستىنلىك مۇساپىرلار، تۇتقۇنلار، ئىنسانىي ياردەم ۋە ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن دەمەشققە نۇرغۇن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بىراق، بۇ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى يوقاپ كەتكەن تۇتقۇنلار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالماي قۇرۇق قايتىپ كەلدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، ئەلچىخانا سەدنايە تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن پەلەستىنلىك تۇتقۇنلار بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئۇلارنىڭ يوقاپ كەتكەن بۇرادەرلىرى ھەققىدە ئۇچۇر توپلاشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.»

ئەررىفائى يوقاپ كەتكەنلەر ئارىسىدا پەقەت سۈرىيەدىكى پەلەستىنلىك مۇساپىرلارلا ئەمەس، بەلكى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىن كەلگەن شەخسلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتتى، سۈرىيەنىڭ بىر چاغلاردا «پەلەستىنلىك جەڭچىلەر ئۈچۈن بىخەتەر پاناھ جاي» دەپ قارالغانلىقىنى، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ سىرلىق شارائىتلار ئاستىدا يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، شىمالىي ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى جەنىن شەھىرىدىن كەلگەن بىر پەلەستىنلىك تۇتقۇن سەدنايە تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن.

ئەررىفائى ئۇنىڭ 1985 - يىلدىن بېرى قاماقتا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ھەمدە ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمەي، ئۇنى پەقەت «سابىق تۇتقۇن بەششار سالىھ» دەپلا تونۇشتۇردى. ھازىر دەمەشقتە ياشاۋاتقان سالىھ تاكى جەنىنغا قايتىش خىزمەتلىرى تاماملانغانغا قەدەر پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباستىن ئايلىق مائاش ئالماقتا.

ئەررىفائى يەنە، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئائىلىلەرنىڭ، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى رايونغا زىيارىتى جەريانىدا ئۆزىگە، ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى سۈرىيەدە يوقاپ كەتكەن نۇرغۇن ئۇرۇق –تۇغقانلىرىنىڭ بارلىقىنى مەلۇم قىلغانلىقىنى، ئەمما بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى