سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى يەنە ترامپنى قوغداپ قالدى
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ترامپنىڭ ئىران ئۇرۇشىدىكى ھوقۇقىنى چەكلەش قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى رەت قىلدى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى يەنە ترامپنى قوغداپ قالدى
دېموكراتلار سۇنغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسى 47 گە قارشى 53 ئاۋاز بىلەن رەت قىلىندى. ئا ف پ. / AFP

ترامپنىڭ ئىران ئۇرۇشىدىكى ھوقۇقىنى چەكلەش قانۇن تەكلىپ لايىھەسىگە بېلەت تاشلاش، دېموكراتلارنىڭ ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلانغان، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشىغا قارىتا كونگرەنىڭ ھەرىكەتكە كېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق تىرىشچانلىقى ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى چارشەنبە (2026-يىلى 18-مارت) كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كونگرەنىڭ رۇخسىتىسىز ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلىش ھوقۇقىنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى رەت قىلدى.

ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كونگرەنىڭ تەستىقىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ترامپنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى چەكلەشنى نىشان قىلغان مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھەسى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلدى. دېموكراتلار تەرىپىدىن سۇنۇلغان بۇ قانۇن تەكلىپ لايىھەسى 47 گە قارشى 53 ئاۋاز بىلەن رەت قىلىندى.

«گۇاردىيان گېزىتى» (Guardian) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دېموكراتلار رەھبىرى چاك شۇمېر (Chuck Schumer) بېلەت تاشلاشتىن ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «بىز دونالد ترامپنىڭ نىشانىنى بىلمەيمىز، بىز دونالد ترامپنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى بىلمەيمىز، ھەتتا ئۇنىڭ نەزىرىدە غەلىبىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمىز.»

راند پائۇل (Rand Paul) بۇ قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى قوللىغان بىردىنبىر جۇمھۇرىيەتچى بولدى، جون فېتتېرمان (John Fetterman) بولسا قارشى تۇرغان بىردىنبىر دېموكرات بولۇپ قالدى.

بۇ بېلەت تاشلاش، دېموكراتلارنىڭ ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلانغان ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشىدا، كونگرەنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا مەۋقەسىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق تىرىشچانلىقىدۇر.

-1973يىلدىكى «ئۇرۇش ھوقۇقى قارارى» ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ھەرقانداق دۆلەتكە ئۇرۇش ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن كونگرەنىڭ تەستىقىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە پىرېزىدېنتنىڭ بۇنداق قەدەم بېسىشتىن ئىلگىرى كونگرەگە ئۇقتۇرۇش قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

دېموكراتلار ترامپنىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كونگرەگە ياكى خەلققە يېتەرلىك سەۋەب كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە 28-فېۋرال (2026) ئىرانغا قارشى باشلىغان بىرلەشمە ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرماقتا. ھۇجۇمدا ھازىرغىچە ئەينى ۋاقىتتىكى ئالىي رەھبەر ئەلى ھامەنېينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 1300 گە يېقىن ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

ئىران بولسا، ئىسرائىلىيە، ئىيوردانىيە، ئىراق قاتارلىق ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرى جايلاشقان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇل- ئەسلىھەلەرگە زىيان يەتكۈزدى، دۇنيا بازارلىرى ۋە ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۋەتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Pentagon seeks over $200 billion in emergency funding for Iran war

 

ئىزدىنىڭ
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان مىسىر ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق كەسپىدىشلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەبۇ زۇھۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا باھا بەر
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيەنىڭ 80 دىن 120 گىچە يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: يېڭى ئۇرۇش پارتلىسا ۋەيران قىلغۇچ قوراللارنى ئىشلىتىمىز
ئىسرائىلىيە 2 يىللىق ئىنكاردىن كېيىن 5 ياشلىق ھىند رەجەبنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ «ئىقتىسادىي D-Day ھەرىكىتى» ئۆزىنىڭ كىرىزىسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتۇر
رۇمىنىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئىككىنچى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى چۈشۈپ كەتتى
ناتو ئەمەلدارى: ناتو ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار
خىتاينىڭ شىمالىدىكى بىر سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى