مادۇرو ۋېنېزۇئېلا مىقياسىدا سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چۈشۈردى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پايتەخت كاراكاسقا قاراتقان «شىددەتلىك ھەربىي ھۇجۇمى» سەۋەبىدىن دۆلەتتە جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى.

By
مادۇرو ۋېنېزۇئېلا مىقياسىدا سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چۈشۈردى / AP

شەنبە كۈنى پايتەختنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئالدى بىلەن ئايروپىلانلارنىڭ ئارقىدىنلا شىددەتلىك پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. مادۇرو ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۆلەت زېمىنىمىز ۋە خەلقىمىزگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ناھايىتى شىددەتلىك ھەربىي ھۇجۇمنى خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدا رەت قىلىدۇ، ئەيىبلەيدۇ ۋە لەنەتلەيدۇ.»

مادۇرو يەنە دۆلەتنىڭ بارلىق كۈچلىرىنى سەپەرۋەر بولۇشقا چاقىرىپ، بۇنى «ئىمپېرىيالىستىك ھۇجۇم» دەپ ئاتىدى. ئۇ، شەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغداش ئۈچۈن پۇقرالار بىلەن ئارمىيەنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ  كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغانلىقىنى، بۇ باسقۇچنىڭ خەلق، ئارمىيە ۋە ساقچىلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ب د ت باش كاتىپى، لاتىن ئامېرىكا ۋە كارىب ئەللىرى جەمئىيىتى  ھەمدە ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىگە رەسمىي ئەرز سۇنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. كاراكاس دائىرىلىرى ئامېرىكانىڭ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئەيىبلىنىشىنى ۋە جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

جىددىي ھالەت

مادۇرو ئاساسىي قانۇن ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنلىرىغا ئاساسەن بارلىق دۆلەت مۇداپىئە پىلانلىرىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ، ھۆكۈمەتكە پەۋقۇلئاددە ھوقۇق بېرىدىغان ۋە پۈتۈن دۆلەت بويىچە «تاشقى مالىمانچىلىق» (قا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى) ئېلان قىلىدىغان بىر قارارنامىنى ئىمزالىدى. ئۇ بۇ تەدبىرنىڭ پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ۋېنېزۇئېلانى قوراللىق  كۈرەش قىلىشقا تەييارلاش مەقسىتىدە قوللىنىلغانلىقىنى ئېيتتى.

پىرېزىدېنت مادۇرو يەنە دۆلەت مۇداپىئە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ دەرھال پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا ھەرىكەتكە ئۆتۈشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئۇ، ب د ت ئاساسىي شەرتنامىسىنىڭ 51-ماددىسىغا ئاساسەن، ۋېنېزۇئېلانىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، دۇنيادىكى بارلىق ھۆكۈمەت ۋە خەلقلەرنى ھەمدەملىككە چاقىردى. ئۇ، سۆزىنى مەرھۇم پىرېزىدېنت ھۇگو چاۋېزنىڭ ئىتتىپاقلىق، كۈرەش ۋە غەلىبە چاقىرىق قىلىنغان سۆزى بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

ھۇجۇملارنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئامېرىكا بار

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، شەنبە كۈنى پايتەخت كاراكاستا يۈز بەرگەن بىر يۈرۈش ھۇجۇملارنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئامېرىكا ئارمىيەسى بار ئىكەن. ئاقساراي ۋە پېنتاگون پارتلاشلار ۋە شەھەر ئۈستىدىكى ئايروپىلانلار ھەققىدە تېخىچە بايانات بەرمىدى. ئەمما CBS News ۋە Fox News قاتارلىق تاراتقۇلار ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ترامپ ھاكىمىيىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقەلەرگە قاتناشقانلىقىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

CBS مۇخبىرى جېننىفېر جەيكوبس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، شەنبە كۈنى ئەتىگەندە ترامپ ھاكىمىيىتى ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ پايتەختى كاراكاستا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋە ئايروپىلانلار ھەققىدىكى مەلۇماتلاردىن خەۋىرى بارلىقىنى يازدى.

 ئاقساراي ۋە پېنتاگون رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش تەلەپلىرىگە دەرھال جاۋاب بەرمىدى.

رېيتېر ئاگېنتلىقىغا ئىسمىنى ئاشكارىلىماي مەلۇمات بەرگەن بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى، ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلا تېررىتورىيەسىدە ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما ھۇجۇملار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.