تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ترامپ بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە سۈرىيەدىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە. ئەنقەرە غەززە مەسىلىسىدە ۋاشىنگتون بىلەن ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ترامپ بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ترامپ بىلەن كۆرۈشتى / Reuters

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «تېررورىزمدىن خالىي قىلىنغان، ھەرقايسى ساھەلەردە تەرەققىي قىلغان تىنچ بىر سۈرىيە رايونلۇق مۇقىملىققا تۆھپە قوشىدۇ» دېدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن تېلېفوندا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. مەزكۇر سۆھبەتكە ئالاقىدار بايانات، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ترامپقا، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، سۈرىيەنىڭ بىرلىكى، ئىتتىپاقلىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ ئەنقەرە ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىككى رەھبەر دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش ۋە سۈرىيەدىكى تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان دائېش ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئەردوغان تېررورىزمدىن خالىي قىلىنغان، ھەرقايسى ساھەلەردە تەرەققىي قىلغان تىنچ بىر سۈرىيەنىڭ رايونلۇق مۇقىملىققا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە غەززەدە تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

غەززە مەسىلىسى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، رايوندا تىنچلىق ئورنىتىشقا قارىتىلغان تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا بىلەن ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان يەنە ترامپنىڭ ئۆزىنى «غەززە تىنچلىق كېڭىشى» گە تەكلىپ قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

ترامپ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «مەن بەك ياخشى كۆرىدىغان ئەردوغان بىلەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزىمەن» دېگەن ئىدى.

ئاقساراي جۈمە كۈنى، ترامپنىڭ غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى مەڭگۈلۈك ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە رايوننى قايتا قۇرۇشنى نىشان قىلغان 20 ماددىلىق پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە «ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە رول ئوينايدىغان» غەززە تىنچلىق كېڭىشىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. مەزكۇر كېڭەشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نازارەت قىلىش، خەلقئارا بايلىقلارنى سەپەرۋەر قىلىش ۋە غەززەنىڭ توقۇنۇشتىن تىنچلىق ھەم تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتۈشىنى كۆزىتىشى نىشان قىلىنماقتا.

ئامېرىكا يەنە ترامپنىڭ غەززە توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك پىلانىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، «غەززە مەمۇرىيىتى مىللىي كومىتېتى» ۋە ئۆتكۈنچى باسقۇچ رامكىسىنى قوللاش مەقسىتىدە «غەززە ئىجرا ئىيە ھەيئىتى» تەشكىل قىلدى.

ترامپ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرنەچچە دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى كېڭەشكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز