سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
خامەنېي: «ترامپ ئامېرىكا ھۇجۇملىرىنىڭ تەسىرىنى ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغە قىلدى» دېدى
ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى خامەنېي ئامېرىكانىڭ تېھراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ «ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغانلىقى»نى ۋە «كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكى»نى بىلدۈردى.
خامەنېي: «ترامپ ئامېرىكا ھۇجۇملىرىنىڭ تەسىرىنى ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغە قىلدى» دېدى
/ Reuters

ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى ئامېرىكا ھەربىي ھۇجۇملىرىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مۇئەسسەسەلىرىگە قارشى قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇبالىغە قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، بۇ ھۇجۇملارنىڭ ھېچقانداق مۇھىم نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەلى خامەنېي يەكشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ رەسمىي X ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋەقەلەرنى ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغە قىلدى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشقا ئېھتىياجى بارلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھەر بىر كىشى، بۇ ئىشلارنىڭ ئارقىسىدا باشقىچە بىر ھەقىقەتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. ئۇلار ھېچ ئىش قىلالمىدى، شۇڭا ھەقىقەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مۇبالىغىگە يۈزلەندى» دېدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ترامپ «فوكس خەۋەرلىرى» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «بىز ھۇجۇم قىلدۇق. ئۇلارنىڭ يادرو ئىقتىدارىنى ۋەيران قىلدۇق ۋە ھۇجۇمنى توختاتتۇق. بۇ ئاجايىپ بىر ئىش بولدى. ئۇلار بۇنىڭدىن كۆپ ئىلگىرىلىسە بولمايتتى... بۇ ناھايىتى جىددىي ئۆتكەن 12 كۈن بولدى — ئىنتايىن، ئىنتايىن جىددىي كۈنلەر ئىدى» دېگەن.

13-ئىيۇن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ ھەربىي، يادرو ۋە پۇقرالار ئەسلىھەلىرىگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىشى بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پارتلىغانىدى. ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 606 ئادەم قازا قىلىپ، 5332 ئادەم يارىلانغان.

بۇنىڭغا جاۋابەن تېھران ئىسرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلغان. ئىبرانىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 29 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 3400 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

ئامېرىكا توقۇنۇش كەسكىنلەشكەن مەزگىلدە ئىراننىڭ فوردوۋ، ناتانز ۋە ئىسفاھاندىكى يادرو ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلغان.

بۇ توقۇنۇش 24-ئىيۇن كۈچكە ئىگە بولغان ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن قوللانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىلەن ئاخىرلاشقانىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن كانادا ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلايدۇ
ئىراننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى لىنىيەسى ھورمۇزدىن باب ئەل-مەندەبگىچە سوزۇلىدۇ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى