زېلېنسكىي سايلام ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
زېلېنسكىي: «ئەگەر بىخەتەرلىك شارائىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنسا، 90-60 كۈن ئىچىدە پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشكە تەييارمەن» دېدى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ترامپنىڭ «ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ سايلامدىن قېچىۋاتىدۇ» دېگەن سۆزلىرىدىن كېيىن، بىخەتەرلىك شارائىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنسا، 90-60 كۈن ئىچىدە سايلام ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى شېرىكلىرىنى ئۇرۇش مەزگىلىدە سايلام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مۇھىتنى يارىتىشقا ياردەم بېرىشكە چاقىردى.
زېلېنسكىينىڭ بۇ باياناتى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەيشەنبە (9-دېكابىر) كۈنى بۇ مەسىلىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئېلان قىلىندى.
زېلېنسكىي رىمدا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، يېقىنقى مەزگىلدە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان ئالاقىدە بۇ تېمىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتىپ، سايلام توغرىسىدىكى قارارنىڭ پەقەت ئۇكرائىنالىقلارغا ئائىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ كىيېۋنىڭ سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سايلامدىن قېچىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارنى رەت قىلىپ، ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ ھوقۇقنى كىمنىڭ تۇتۇپ تۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارىماي، سايلام ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىخەتەر شارائىت ھازىرلاش كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا قانۇنىيلىققا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلەرنىڭ سايلامغا قاتنىشىشىغا يول قويۇش ئۈچۈن قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى شېرىكلىرىنى ئۇكرائىنادا زۆرۈر بىخەتەرلىك مۇھىتى يارىتىشقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئەگەر ياردەم تەمىنلەنسە، ئۇكرائىنانىڭ ئىككى-ئۈچ ئاي ئىچىدە سايلامغا تەييار بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ سايلامغا قاتنىشىشقا تولۇق تەييار ئىكەنلىكىنى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئۇرۇش مەزگىلىدە سايلام ئۆتكۈزۈشكە ئىمكانىيەت يارىتىدىغان ئۆزگەرتىشلەرنى لايىھىلەشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.
ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىق پىلانى
پىرېزىدېنت زېلېنسكىي تېخىمۇ كەڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، كىيېۋنىڭ چارشەنبە (10-دېكابىر) كۈنى ئاخىرقى تىنچلىق پىلانىنى ۋاشىنگىتونغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە ئۇكرائىنانىڭ نېپتۇن (Neptunes)، پاليانىتسيا (Palyanytsia)، فلامىنگو (Flamingo) ۋە ساپسان (Sapsan) باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى قاتارلىق يىراق مۇساپىلىق سىستېمىلارنى ئاللىبۇرۇن ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ قىرىم مەسىلىسىدە، ئۇكرائىنانىڭ ھازىر يېرىم ئارالنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ھەربىي كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
ئۇ ترامپنىڭ سۆزلىرىگە جاۋابەن مۇنداق دېدى: «بەلكىم مەن بۇنى بىرىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈشىمىزدە ئېيتقان بولۇشۇم مۇمكىن، مەنچە مەن توغرا ئېيتقان. شۇنداق، بىزنىڭ بۈگۈن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىشقا كۈچىمىز يەتمەيدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن يېتەرلىك ياردەمگە ئېرىشەلمىدۇق.»
ئۇ ئەگەر رۇسىيە «ئېنېرگىيە ئۇرۇش توختىتىش» قا تەييار بولسا، كىيېۋنىڭمۇ بۇنى ئويلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، ئېنېرگىيە مۇقىملىقىنىڭ «خەلق ئۈچۈن مۇھىم» ئىكەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.
ئۇ تىنچلىق پىلانىنىڭ ياۋروپا بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرىنىڭ، جۈملىدىن توڭلىتىلغان رۇسىيە مۈلكى ۋە ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشى قاتارلىقلارنىڭ «ياۋروپا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى» تەكىتلىدى.