تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا تاموژنا بېجى ۋە 100 مىليارد دوللارلىق سودا نىشانى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى
تۈركىيە سودا ھەيئىتى ئامېرىكا تەرەپ بىلەن يىغىن ئېچىپ، ئۆزئارا سودا سىياسەتلىرىنىڭ تەسىرىنى باھالاش ۋە بولۇپمۇ تېخنولوگىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى مۇھاكىمە قىلدى.
تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا تاموژنا بېجى ۋە 100 مىليارد دوللارلىق سودا نىشانى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى
/ TRT World and Agencies

تۈركىيە سودا ھەيئىتى، ئىككى تەرەپلىك سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە بولۇپمۇ ۋاشىنگتوننىڭ يېقىنقى مەزگىلدە يولغا قويغان ئۆزئارا جاۋاب قايتۇرۇش پرىنسىپىغا ئاساسلانغان سودا سىياسەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكادا زىيارەتتە بولدى.

تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقى بۇ زىيارەت ھەققىدە دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلدى.

22 -ماي ئېلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەت، تۈركىيە سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولاتنىڭ ئاپرېل ئېيىدا ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ھوۋارد لۇتنىك ۋە ئامېرىكا سودا ۋەكىلى باش ئەلچى جەمىسون گىرىر بىلەن ئۆتكۈزگەن تور يىغىنىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى.

ترامپ ئاپرېل ئېيىنىڭ بېشىدا ئىمزالىغان پىرېزىدېنتلىق پەرمانى ئارقىلىق، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرگە ئۆزئارا جاۋاب قايتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن تاموژنا بېجى يۈرگۈزدى. پەرمانغا ئاساسەن، بارلىق دۆلەتلەرگە كەم دېگەندە %10 لىك ئاساسىي تاموژنا بېجى يۈرگۈزۈلىدىغان بولۇپ، كانادا، مېكسىكا، خىتاي ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئوخشاش بەزى دۆلەتلەر بولسا تېخىمۇ يۇقىرى نىسبەتتە باج تۆلەيدىغان دۆلەتلەر كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلدى.

تۈركىيەمۇ %10 لىك تاموژنا بېجىغا تارتىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - US should push for free trade with Türkiye — American commerce official

تۈركىيە سودا مىنىستىر مۇئاۋىنى مۇرات تۇزجۇ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، ئامېرىكا سودا ۋەكىلىنىڭ مۇئاۋىنى بىرايانت ترىك ۋە باشقا ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن پايتەخت ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولدى.

مىنىستىرلىق يىغىننىڭ ئامېرىكانىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۆزئارا جاۋاب قايتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسلانغان سودا سىياسەتلىرىنىڭ دۇنياۋى تەسىرى ۋە بۇ مەزگىلدە ئىككى تەرەپلىك سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان يېڭى سىياسەت قەدەملىرىگە مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا، زىيارەت جەريانىدا، تۈركىيە-ئامېرىكا سودا مۇناسىۋەتلىرىدە يېقىنقى ئون يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىيات سۈرئىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە 100 مىليارد دوللارلىق ئىككى تەرەپ سودا ھەجىمى نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قوشۇمچە قەدەملەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

دونالد ترامپنىڭ 2019-يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ترامپ، ئىككى تەرەپلىك سودا ھەجىمىنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشكە قوشۇلغانىدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەجىمى 2024-يىلى تەخمىنەن 32 مىليارد دوللار ئەتراپىدا ئىدى.

مىنىستىرلىق يەنە، ئىككى تەرەپنىڭ تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا دېگۈدەك ھەممە ساھەدە ئۆزئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرىنىڭ بارلىقىنى، ھەمدە يېڭى تېخنولوگىيەلەر، يېڭىلىق يارىتىش، ئىشلەپچىقىرىش، سۈنئىي ئەقىل ۋە تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردە زور يوشۇرۇن كۈچنىڭ بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرى، ھەمكارلىقنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان باشقا مۇھىم ساھەلىرىدۇر» دېگەن ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - US takes first steps to ease 50 years of sanctions on Syria, thanks to Türkiye and Saudi efforts

ئىزدىنىڭ
ئىراق باش مىنىستىرى زەيدى تۈركىيەگە كېلىدۇ
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئىران ئۇكرائىنانىڭ ھازار دېڭىزىدا ئىرانغا ئائىت بىر سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا
بېرلىندا ئامما ئارىسىغا بىر ئاپتوموبىل بېسىپ كىردى. 1 كىشى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»