سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
بۇ ھۇجۇملار ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان لوندون زىيارىتىدىن قايتىپ كەلگەن ۋاقتىدا يۈز بەردى.
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى / Reuters

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خاركىۋ رايونىنىڭ ۋالىيسى ئولېگ سىنېگۇبوۋ، رۇسىيەنىڭ رايوندا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 10 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئولېگ سىنېگۇبوۋ سەيشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تاراتقۇسى تېلېگرام (Telegram) سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «دۈشمەن چۇگۇيىۋ شەھىرىنى ئوققا تۇتتى»، دېدى ۋە 22 ياشلىق بىر ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىنېگۇبوۋ يەنە: «ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇملار كەم دېگەندە 18 ئاپتوموبىلغا زىيان يەتكۈزدى؛ كۆپ قەۋەتلىك بىنالارنىڭ دېرىزىلىرى چېقىلىپ، بىنالارنىڭ ئالدى تەرىپى زىيانغا ئۇچرىدى» دېدى.

خاركىۋ شەھەر باشلىقى ئىگور تېرېخوۋ بولسا 10 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھۇجۇملىرى يېقىنقى ئايلاردا تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۇكرائىنا بۇ ھۇجۇملارغا جاۋابەن، رۇسىيە تېرروتېرىيەسىنىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلدى. تېرېخوۋ، ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىنچە ھەربىي ۋە ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

 تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرى

ھۇجۇملار ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ تۆت يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنى ھەل قىلىش مەسىلىسىدە ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە رەھبەرلىرى بىلەن لوندوندا ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدىن كېيىن، پايتەخت كىيېۋغا قايتىپ كەلگەن ۋاقتىدا يۈز بەردى.

ۋاشىنگتوننىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشقا ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا ئەھمىيەت بېرىشى سەۋەبىدىن، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرى قىسمەن توختاپ قالدى.

زېلېنسكىي دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا ئەلچىلىرى ستىۋ ۋىتكوف ۋە جارېد كۇشنېر بىلەن «ئىجابىي» سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ھەمدە ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاپرېل ئېيىدا ئېلان قىلغان مۆلچەرىگە قارىغاندا، 2022-يىلىدىن بۇيان ئۇكرائىنانىڭ تۈرلۈك رايونلىرىدا كەم دېگەندە 15 مىڭ 850 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا 2800 دىن ئارتۇق پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى رايونلاردا 44 مىڭ 800 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

ئىزدىنىڭ
ترامپ: بىزنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجىمىز يوق ئىدى، مەن پەقەت ئۇلارنى سىنىماقچى ئىدىم
ناتو رەھبەرلىرى بۈگۈن شىمالىي قۇتۇپ رايونى، ئىران ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
مىچوتاكىس ئەنقەرەدە «ئالاقىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» سىگنالى بەردى
ماگيار: ۋېنگىرىيە ئۇكرائىناغا قورال ياكى ئەسكەر ئەۋەتمەيدۇ
ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى مۇداپىئە سانائىتى مۇنبىرى بىلەن باشلاندى
دۇران: تۈركىيە ناتونىڭ ھەرىكەت كۈچىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالماقتا
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ئەلى خامەنېينىڭ دەپنە مۇراسىمى باشلاندى، تۈمەنلىگەن خەلق ئۆچ ئېلىش شوئارى توۋلىدى
ئىران ئارمىيەسى قوماندانى ھاتەمى: خامەنېينىڭ ئىنتىقامىنى ئالىمىز
كىيېۋدا تۈنۈگۈنكى رۇسىيە ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 30 غا يەتتى
ۋېنېزۇئېلادا جېنىدىن ئايرىلغانلار 2500 دىن ئاشتى
ترامپ: مېنىڭچە  ئىران بىز ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننى سۇيىقەست توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
رۇسىيە: ئۇكرائىناغا قىلىنىۋاتقان بېسىمنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز
ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى 6 مىليارد دوللارلىق مال-مۈلۈك سۆھبىتى قايتا باشلىنىدۇ
پاكىستان ئافغانىستاندىن قويۇپ بېرىلگەن 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
ئىران چېگراغا ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇردى
رۇسىيە: ئۇكرائىناغا تەۋە 400 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۈق
ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىرانلىقلار بىلەن ئەمەس، مۇرەسسەچىلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ