رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا قىلغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلدى
ئەڭ يېڭى ھۇجۇم ئۇكرائىنا باش قوماندانى ئولېكساندىر سىرسكىي رۇسىيەگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىدىغانلىقلىرى توغرىسىدا قەسەم بەرگەندىن كېيىن يۈز بەردى.
ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا كەڭ كۆلەمدە ئۇچقۇ ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۈرەت: ئا پ. / AP
ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ پايتەخت كىيېۋغا قىلغان «يەنە بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمى» دا، كەم دېگەندە بەش كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇمنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندان رۇسىيەگە قارىتىلغان زەربە بېرىشنى كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى ۋەدە قىلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۈچ يىلغا سوزۇلغان ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار توختاپ قالدى. ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى ئۆتكۈۈزۈلگەن ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىۋاسىتە ئۇچرىشىشى ۋە كېيىنكى سۆھبەتلەر توغرىسىدا ھېچقانداق پىلان ئېلان قىلىنمىدى.
دۈشەنبە كۈنى (23-ئىيۇن) كىيېۋ ھەربىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تىمۇر تكاچېنكونىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «پايتەختكە قىلىنغان يەنە بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم، بەلكىم بىر قانچە ئۇچقۇلار بىلەن بولۇشى مۇمكىن.»
ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىگور كلېمېنكو: «شېۋچېنكىۋىسكىي رايونىدا تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، بۇ يەردىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك تۇرالغۇ بىناسىنىڭ بىر قىسمى ۋەيران بولدى، بىلا تسېركۋانىڭ جەنۇبىدا بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.»
ئەڭ يېڭى ھۇجۇم ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى ئولېكساندىر سىرسكىينىڭ رۇسىيەگە بولغان زەربە بېرىشنى كۈچەيتىدىغانلىقلىرى توغرىسىدا قەسەم بەرگەندىن كېيىن يۈز بەردى.
ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بىز پەقەت مۇداپىئەدە تۇرمايمىز، چۈنكى ھېچنېمە ئېلىپ كەلمەيدۇ، ئاخىرىدا چېكىنىش، ئادەم ۋە تېررىتورىيەدىن ئايرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ <ئۈنۈملۈك> ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى، شۇڭا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، كۆلەم ۋە چوڭقۇرلۇقنىمۇ ئاشۇرىمىز» دېدى.
«ئادىل جاۋاب»
ئۇكرائىنا ئۇرۇش جەريانىدا رۇسىيەگە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك زەربە بەردى، بەزىدە ئالدىنقى سەپتىن نەچچە يۈز كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئېنېرگىيە ۋە ھەربىي ئۇل-ئەسلىھەلەرنى نىشانلىدى.
كىيېۋ بۇ ھۇجۇملارنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە ۋە پۇقرالارغا قىلغان ئەجەللىك ھۇجۇملىرىغا قايتۇرۇلغان «ئادىل جاۋاب» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيەنىڭ كېچىدە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە جايلاشقان كراماتورسك شەھىرىدىكى بىر تۇرالغۇ بىناسىغا قىلغان ھۇجۇمدا كەم دېگەندە تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، شۇ كۈنى كەچتە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ مەشىق مەيدانىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا يەنە ئۈچ ئادەم كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى يەكشەنبە كۈنى (22-ئىيۇن) شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 22:00 دە ۋە دۈشەنبە كۈنى (23-ئىيۇن) ئەتىگەن سائەت 6:00 ئەتراپىدا، ئۇكرائىنانىڭ 16 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى پاچاقلاپ تاشلىغان.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، 13دانە ئۇچقۇنىڭ روستوۋ رايونىدا، قالغانلىرىنىڭ ئاستراخان ۋە ۋولگوگراد رايونىدا چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.