تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەدە دۆلەت ئىچىدە ياسالغان يۈرەك-ئۆپكە ماشىنىسى ئارقىلىق ئوپېراتسىيە قىلىندى
سەھىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت ئىچىدە ياسالغان يۈرەك-ئۆپكە ماشىنىسى ئارقىلىق قىلىنغان تۇنجى ئوپېراتسىيەنى «تۈركىيە سەھىيە سانائىتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى» دەپ يۇقىرى باھا بەردى.
تۈركىيەدە دۆلەت ئىچىدە ياسالغان يۈرەك-ئۆپكە ماشىنىسى ئارقىلىق ئوپېراتسىيە قىلىندى
سەھىيە مىنىستىرى مەمىشئوغلۇ تۈركىيەدە ياسالغان يۈرەك-ئۆپكە ئاپپاراتى ئىشلىتىلگەن تۇنجى ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن بىمارنى يوقلىدى، ئەنقەرە، 26-ئىيۇن. / Anadolu Agency

ئەمەلدارلارنىڭ جۈمە (2026-يىلى 26-ئىيۇن) كۈنى بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى بىلەن تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى ئاسەلسان (ASELSAN) ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان يۈرەك-ئۆپكە ماشىنىسىدىن پايدىلىنپ قىلىنغان تۇنجى كىلىنىكىلىق ئوپېراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان.

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ئېكس (X) بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ قېتىمقى ئوپېراتسىيەگە «تۈركىيە سەھىيە سانائىتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى» ھەمدە «ھاياتلىق قۇتقۇزۇشتىكى زور قەدەم» دەپ باھا بەردى. باياناتتا، بېمارنىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - ASELSAN tops $30B valuation, becomes Türkiye's most valuable firm

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خالۇق گۆرگۈننىڭ ئېيتىشىچە، «ئاسەلسان ھاياتلىق سىزىقى» (ASELSAN LIFELINE HLM) دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئۈسكۈنە ئوپېراتسىيە جەريانىدا بېمارنىڭ قان ئايلىنىشى ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئوپېراتسىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا ئىمكانىيەت ياراتقان.

ئۇ بۇ سىستېمنى «ئىنژېنېرلىق مۆجىزىسى» دەپ ئاتىدى ۋە ماشىنىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر ئوپېراتسىيە جەريانىدا «يۈرەكنىڭ ئورنىدا سوققانلىقى» نى قەيت قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye targets global defence market with high-tech electronic warfare arsenal

ئۇ: «بىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چەت ئەلدىن سېتىۋېلىۋاتقان بۇ مۇھىم ئۈسكۈنىنى ئۆز ئىقتىدارىمىز بىلەن ياسىشىمىز، تېخنىكا جەھەتتىكى مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك مۇۋەپپەقىيەتتۇر» دېدى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بۇ ئۈسكۈنىنى باشقا دوختۇرخانىلارغىمۇ كېڭەيتىپ پايدىلىنىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

بۇ ئۈسكۈنە تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدە تەرەققىي قىلدۇرغان ئىنژېنېرلىق-تېخنىكا ئىقتىدارىنى سەھىيە ساھەسىگە يۆتكەش تىرىشچانلىقىنىڭ نامايەندىسى دەپ قارالماقتا.

ئىزدىنىڭ
ش ق ت ج ياۋروپانىڭ ۋەكىل تەيىنلىشىنى رەت قىلىپ، ھەل قىلىش سۆھبەتلىرىدە باراۋەر سالاھىيەت تەلەپ قىلدى
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا ترامپنى «قاراقچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن كېچىمۇ داۋاملاشتى
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
ئىراننىڭ بەزى شەھەرلىرى ۋە كېشم ئارىلىدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى
تايلاندتىكى بىر بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەلىيېۋ تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بەردى: بۇنچىلىك دوست بولغان باشقا ئىككى دۆلەت يوق
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى