ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا قانۇنشۇناسلىرى ترامپتىن ئۇكرائىنالىق بالىلارنى كۆزىتىشنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە چاقىرىدۇ
دېموكراتلار پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ ئەزالىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى «بالىلار ئەتكەسچىلىرى» گە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە چاقىرىدۇ.
00:00
ئامېرىكا قانۇنشۇناسلىرى ترامپتىن ئۇكرائىنالىق بالىلارنى كۆزىتىشنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە چاقىرىدۇ
ئامېرىكا قانۇنشۇناسلىرى ترامپتىن ئۇكرائىنالىق بالىلارنى كۆزىتىشنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە چاقىرىدۇ / Reuters
2025-يىلى3-ئاينىڭ19-كۈنى

ئامېرىكا دىمۇكراتلار پارتىيەسىنىڭ قانۇن چىقارغۇچىلىرى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ھۆكۈمىتىگە ئامېرىكا دىمۇكراتلار پارتىيەسىنىڭ قانۇن چىقارغۇچىلىرى پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت قىلىپ، روسىيە تەرىپىدىن «قاچۇرۇلغان» يۈز مىڭلىغان ئۇكرائىنالىق بالىلارنى ئىز قوغلاش پىروگراممىسىنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىرىنى جازالاندۇرۇش ئۈچۈن ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

جۇمھۇرىيەتچى پىرېزىدېنت ترامپ ھاكىمىيىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپلىگەن پىروگراممىلىرى ۋە چەت ئەللەرگە بېرىلىدىغان ياردەملىرىنى قىسقارتىۋاتقان بىر پەيتتە، يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى تەجرىبىخانىسى رەھبەرلىكىدىكى ئۇكرائىنالىق بالىلارنىڭ كوللېكتىپ ھالدا سۈرگۈن قىلىنىشىنى ئىز قوغلاش پىروگراممىسىنى خىزمەتتىن توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قارار تەتقىقاتچىلارنىڭ 30 مىڭغا يېقىن ئۇكرائىنالىق بالىلار ھەققىدىكى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور بىر مەلۇمات خەزىنىسىگە ئېرىشەلمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئوخايو ئىشتاتى ۋەكىلى گىرېگ لاندسمان باشچىلىقىدىكى دىمۇكراتلار پارتىيەسى قانۇن چىقارغۇچىلىرىنىڭ سېيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ۋە خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى سكوت بېسسېنتقا يوللىغان خېتىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:

«سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى ئۇچۇر- مەلۇماتلارنىڭ تولۇق ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكىگە ئىشىنىش ئۈچۈن  سەۋەبلىرىمىز بار. ئەگەر بۇ راست بولسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ.»

ترامپنىڭ بۇ پىروگراممىنى توختىتىشى ۋە خەتنىڭ مەزمۇنى ئالدى بىلەن «‹The Washington Post› گېزىتى»  تەرىپىدىن خەۋەر قىلىندى.

بۇ خەۋەر ترامپنىڭ روسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن كۈنى ئېلان قىلىنىپ، جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاندى.

ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، رۇسىيە تەرەپ 30 كۈنلۈك ئۇرۇشنى توختىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا رايى يوقلۇقىنى ئىزھار قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىش تەلەپلىرىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرمىدى.

ئىز قوغلاش پىروگراممىسى ھەققىدە مەلۇماتى بار بىر كىشى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى تەجرىبىخانىسى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنى بىكار قىلىشىنىڭ، پۇتىننى قوغداشقا ياردەم بېرىدىغان 26 مىليون دوللارلىق ئۇرۇش جىنايەتلىرىگە دائىر دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئۆچۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئۇرۇش جىنايەتلىرى ئۇچۇرلىرى ئۈچۈن خەجلەنگەن 26 مىليون دوللار بارلىق بالىلارنىڭ ھۆججەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەتلىك مەلۇماتلارنى دەرەخ كېسىش ماشىسىنىغا تاشلىۋېتىشتى.

ئەگەر پىرېزىدېنت پۇتىننى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشتىن قوغداپ قالماقچى بولسىڭىز، دەلىل – ئىسپاتلارنى يوقاتقان بولىسىز. ئۇلارمۇ دەل شۇنداق قىلدى. ھالبۇكى، بۇ سوت مەھكىمىسى ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك سانلىق مەلۇماتلار – دەلىل – ئىسپاتلاردۇر.»

 «ئىنتايىن ئېغىر، ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئېتىراپ قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى»

ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ خېتىدە، ترامپ ھۆكۈمىتىدىن ئۇكرائىنالىق بالىلارنى يۆتكەۋاتقان رۇسىيە ۋە شېرىكى بېلارۇسىيە دائىرىلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى تەلەپ قىلىنىپ مۇنداق دېيىلمەكتە:

«خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن بالىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر، ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشى جاۋابكارلارنىڭ جازاغا تارتىلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتى تەجرىبىخانىسىنىڭ ئۇكرائىنالىق بالىلارنى ئېلىپ قېچىش ھەرىكەتلىرىنى ئىز قوغلاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان سۇنىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتى يوقتۇر.

ھۆكۈمىتىمىز بۇ بالىلارنى قۇتقۇزۇشتەك ئۇلۇغۋار نىشان ئۈچۈن، ئۇكرائىناغا قورال - ياراغ ياكى نەق پۇل يۆتكەش كېرەك بولمىغان مۇھىم بىر خىزمەتنى ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ بالىلارنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەتلەرنى دەرھال قايتا باشلىشىمىز كېرەك.»

ئۇكرائىنا ئائىلىلەر ياكى ۋەسىيلەرنىڭ رازىلىقىسىز رۇسىيەگە ياكى رۇسىيە تېررىتورىيەسىدىكى رايونلارغا ئېلىپ كېتىلگەن ئون مىڭلىغان بالىلارنىڭ قاچۇرۇلۇشىنى «ئۇرۇش جىنايىتى» دەپ ئاتىماقتا، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىنىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قارىماقتا.

روسىيە بولسا كىشىلەرنىڭ (بالىلارنىڭ) ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇرۇش رايونىدىكى ئاجىز بالىلارنى قوغداش ئۈچۈن  شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

2023-يىلى مارت ئېيىدا  خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئۇكرائىنالىق بالىلارنىڭ ئېلىپ كېتىلىش قىلمىشى تۈپەيلى لۋوۋا-بېلوۋا ۋە پۇتىن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. روسىيە بۇ بۇيرۇقنى «سەتچىلىك ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قارار» دەپ ئاتىدى.

ياۋروپا جىنايى ئىشلار ھەمكارلىق ئورگىنى (Eurojust) نىڭ بىر باياناتچىسى، سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوننىڭ پۇتىننى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن دەلىل-ئىسپات توپلاش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇكرائىناغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش مەركىزىنى قوللاشنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، ياۋروپا جىنايى ئىشلار ھەمكارلىق ئورگىنىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش توختىتىلغانلىقتىن، ئامېرىكا ئالاھىدە تەپتىشى جېسسىكا كىم ئۇكرائىناغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش مەركىزىدىن ئايرىلىدىكەن.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئودېسسا ۋە خاركىۋغا ھۇجۇم قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى خادىم قازا قىلدى
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھىندىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
ياپونىيە خەلقى مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامغا بېلەت تاشلىماقتا
ئىسلامئابادتا بىر مەسچىتتە ئادەم بومبا پارتلىدى
كرىپتو شىركىتى خاتا ھالدا ئابونتلارغا بىت تەڭگىسى ئەۋەتىپ قويغان
موسكۋادا رۇسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرالى ئوققا تۇتۇلدى، قاچقۇننى تۇتۇش ھەرىكىتى باشلاندى
ئومان ئامېرىكا-ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ۋاسىتىلىق سۆھبەتكە ساھىبخانلىق قىلدى
ئىستانبۇلدا ئىككى موسساد جاسۇسى قولغا چۈشۈرۈلدى
ئىران: ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومان سۆھبەتلىرىدە «ياخشى نىيەت» بىلەن ھەرىكەت قىلىمىز