تۈركىيە بايرىقى ئېسىلغان بىر پاراخوت ھۆرمۈز بوغۇزىدىن ئۆتتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇ رايوندىكى تۈركىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى 15 پاراخوتتىن بىرىنىڭ ھۆرمۈز بوغۇزىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى، پاراخوتلاردا جەمئىي 171 خادىمنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

By
تۈركىيە بايرىقى ئېسىلغان بىر پاراخوت ھۆرمۈز بوغۇزىدىن ئۆتتى / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇ ئىران يېقىنلىرىدا كۈتۈپ تۇرغان تۈركىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر پاراخوتنىڭ تېھران تەرەپتىن رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن، ھۆرمۈز بوغۇزىدىن ئۆتۈشىگە يول قويۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر ئۇرالئوغلۇ  پەيشەنبە كۈنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بەرگەن ۋە جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ئەنقەرەنىڭ ھۆرمۈز بوغۇزى ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك سىگنالى بەرگەنلىكىنى ھەمدە رايوندىكى قالغان 14 تۈركىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى پاراخوتنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئىران دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇرالئوغلۇ : «ھۆرمۈز بوغۇزىدا 15 پاراخوتىمىز بار ئىدى، بىرى ئىران پورتىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىران دائىرىلىرىدىن رۇخسەت ئېلىپ ئۆتكۈزۈلدى. ئىران تەرەپ بىلەن ئالاقىنى ساقلاشقا تىرىشىۋاتىمىز. 14 پاراخوتىمىز كۈتۈپ تۇرماقتا، نۆۋەتتە ئۇلاردا ھېچقانداق مەسىلە يوق» دېدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرلىقى ھۆرمۈر بوغۇزىدىن ئۆتكەن پاراخوتنىڭ نامىنىڭ «روزانا» ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە شىركەتلىرىگە تەۋە پاراخوتلاردا جەمئىي 171 خادىمنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشى، ئىراننىڭ ھۆرمۈز بوغۇزىنى تاقىۋېتىشى سەۋەبىدىن ماي توشۇش پاراخوتلىرى ۋە باشقا پاراخوتلارنىڭ قاپسىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دۇنيا ئېنېرگىيە تەمىنلەش زەنجىرىگە بولغان ئەندىشىلەرنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى.

قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرلىقى يەنە، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بىلەن «ئاجەت» شىركىتىنىڭ ئىراق، سۈرىيە، لىۋان، ئىيوردانىيە، دوھا، دۇبەي، ئەبۇ زەبى، كۇۋەيت، بەھرەين ۋە دەممامغا بولغان ھاۋا قاتنىشىنى 19-مارتقىچە، ئىرانغا قارىتا ھاۋا قاتنىشىنى بولسا 20-مارتقىچە ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا يەنە، پېگاسۇس ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ كۇۋەيت، بەھرەين، دوھا، ئاممان، بېيرۇت، ئىراق، دۇبەي، ئەبۇ زەبى ۋە شارجاھقا بولغان ھاۋا قاتنىشىنى 23-مارتقىچە، ئىرانغا قارىتا ھاۋا قاتنىشىنى بولسا 28-مارتقىچە ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ئەسكەرتىلدى. شۇنداقلا تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئومانغا قوشۇمچە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، 28-فېۋرال باشلانغان ئۇرۇشتىن بۇيان 76 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ تۈركىيەگە يۆتكەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.