3 سائەت بۇرۇن
دۇنيا نېفىت توشۇش مىقدارىنىڭ بەشتىن بىرى ئۆتىدىغان ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملار توشۇش يولىغا تەھدىت سالغاچقا، ئېنېرگىيە بازارلىرى جىددىي ھالەتنى ساقلىماقتا.
چارشەنبە (2026-يىلى 11-مارت) كۈنى سەھەردە ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلدى. ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى بىر پاراخوتقا ھۇجۇم قىلدى.
تېھران رايوننىڭ نېفىت سانائىتىگە داۋاملىق بېسىم قىلىش مەقسىتىدە، نېفىت ئەسلىھەلىرىنى نىشانغا ئالماقتا. بۇ ئەھۋال يەر شارى خاراكتېرلىك ئېنېرگىيە كىرىزىسىغا بولغان ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
ئىران ئۆز قىرغىقىدىكى ھورمۇز بوغۇزى ئارقىلىق ئۆتىدىغان پاراخوت قاتنىشىنى ئەمەلىيەتتە توختىتىپ قويدى. دۇنيا نېفىت توشۇش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرى مۇشۇ بوغۇز ئارقىلىق پارس قولتۇقىدىن ھىندى ئوكيانغا چىقىدۇ.
ئىران يەنە پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ نېفىتلىكلىرى ۋە نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنى نىشان قىلماقتا. بۇ ئىستراتېگىيە دۇنيا ئىقتىسادىنى يېتەرلىك دەرىجىدە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشنى توختىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغاندەك قىلىدۇ.
چارشەنبە كۈنى سەھەردە، كۇۋەيت ھۆكۈمىتى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن نېفىت بايلىقى مول بولغان بۇ دۆلەت ئاسمىنىدا سەككىز دانە ئىران ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. سەئۇدى ئەرەبىستانى بولسا، دۆلەتنىڭ غايەت چوڭ شەيبا (Shaybah) نېفىتلىكىگە قاراپ كېلىۋاتقان بەش دانە ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قىرغىقىدىكى ھورمۇز بوغۇزىدا بىر يۈك پاراخوتىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەگدى.
-28فېۋرال ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش باشلىغان ئىسرائىلىيە، تېھرانغا قارىتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېيتتى. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئالدىنقى كۈنىدىكى بىر قانچە قېتىملىق بومباردىمان ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بومباردىمانلار بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئىسرائىلىيە لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ نۇقتىلىرىغا يېڭى ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بېيرۇت ۋە لىۋاننىڭ جەنۇبىدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى.
ئىران ئىسرائىلىيە ۋە پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىگە كۆپ قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى.
ئىسرائىلىيە چارشەنبە (11-مارت) كۈنى سەھەردە مەملىكەت بويىچە ئۈچ قېتىملىق ئىران ھۇجۇمىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، تېل ئاۋىۋ ۋە باشقا جايلاردا سىگنال ئاۋازى ئاڭلاندى، لېكىن ھازىرچە ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى مەلۇم ئەمەس.
سەئۇدى ئەرەبىستان مۇداپىئە ۋازارىتى نېفىتلىكلەرنى نىشانلاشتىن سىرت، شەرق رايونىدىكى ئامېرىكا بىلەن سەئۇدى ئورتاق ئىشلىتىدىغان، مۇھىم ئەسلىھە ھېسابلىنىدىغان سۇلتان شاھزادە ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قارىتىپ قويۇپ بېرىلگەن ئالتە دانە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىلدۈرۈلىشىچە، شەرقتىكى چوڭ شەھەر ھافار ئەل-باتىن (Hafar al-Batin) ئاسمىنىدا ئىككى ئۇچقۇ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن.
ئەنگلىيە ئارمىيەسى باشقۇرىدىغان بىر كۆزىتىش تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى ئەمىرلىكى بولغان راس ئەل-خەيمە (Ras al-Khaimah) ئەتراپىدا، بىر يۈك پاراخوتىغا ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى تەگكەن.
خەۋەردە: «زىياننىڭ دەرىجىسى نۆۋەتتە ئېنىق ئەمەس، پاراخوت خادىملىرى تەكشۈرۈۋاتىدۇ» دېيىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US-Israel war on Iran triggers global economic 'nightmare'
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى چارشەنبە كۈنى سەھەردە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ئىران تەرەپتىن كېلىۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى. دۇبەيگە ئوخشاش سودا ۋە ساياھەت مەركىزىگە ئىگە بۇ باي دۆلەت ئىراننىڭ ھۇجۇملىرىدا ئالتە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 122 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بەھرەين چارشەنبە كۈنى سەھەردە ئىراننىڭ ھۇجۇمىدىن ئاگاھلاندۇردى. بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلار ئىراننىڭ بىر كۈن بۇرۇن پايتەخت مانامادا بىر تۇرالغۇ بىناغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشۈپ، 29 ياشلىق بىر ئايالنىڭ ئۆلۈشى ۋە سەككىز كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمدىن بىر كېيىن ئېلان قىلىندى.
نېفىت باھاسى
نېفىت باھاسى دۈشەنبە (2026-يىلى 9-مارت) كۈنىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىدىن خېلىلا تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارالىق ئۆلچەم ھېسابلىنىدىغان برېنت (Brent) خام نېفىتىنىڭ باھاسى چارشەنبە (11-مارت) كۈنى يەنىلا ئۇرۇش باشلانغان ۋاقىتتىكىدىن %20 يۇقىرى بولماقتا. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلار ماي قاچىلاش پونكىتىدا يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى.
نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈشى پۈتۈن دۇنيادىكى پۇل-مۇئامىلە بازارلىرىنى زىلزىلىگە سالدى، چۈنكى كىشىلەر ئۇرۇش يەر شارى خاراكتېرلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېقىمىنى ئۇزۇن مۇددەت توسۇپ قويۇشى مۇمكىن دەپ ئەنسىرىمەكتە.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت گىگانت شىركىتى ئارامكو (Aramco) نىڭ باشلىقى ئامىن ناسىر سەيشەنبە (10-مارت) كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر نېفىت پاراخوتلىرى بوغۇزدىن داۋاملىق ئۆتەلمىسە، «بۇ دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسى سەيشەنبە كۈنى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا ئىراننىڭ 16 دانە مىنا ياتقۇزۇش پاراخوتىنى يوقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بىراق، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇرۇشتىن ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرغاندەك، ئىراننىڭ بوغۇزغا مىنا ياتقۇزغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات يوقلۇقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا يەتتە ئەسكىرىدىن ئايرىلدى، سەككىز ئەسكىرى ئېغىر يارىلاندى.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان نۇرغۇن چەت ئەل پۇقرالىرى پارس قولتۇقى رايونىدىن چىقىپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 45 مىڭدىن ئارتۇق ئەنگلىيە پۇقراسى بار. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، تەخمىنەن 40 مىڭ ئادەم ئامېرىكاغا قايتىپ كەلگەن.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - UK backs global oil reserve release as war on Iran drags on









