سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ كۇبانىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك نىشان بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بەردى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋېنېزۇئېلا ۋە ئىراندا ئېلىپ بېرىلغان يېقىنقى ھەرىكەتلەرنىڭ، ئامېرىكا ھەربىي كۈچىنىڭ ئۈنۈملۈك قوللىنىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ھەمدە بۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ كۇبانىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك نىشان بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بەردى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۈمە كۈنى قىلغان نۇتۇقىدا: «ئەمدىكى نۆۋەت كۇبادا» دېدى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
 

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراندىن كېيىن، كۇبانىڭ ئامېرىكانىڭ كەلگۈسىدىكى ھەرىكەت نىشانى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ ۋېنېزۇئېلا ۋە ئىراندا ئېلىپ بېرىلغان يېقىنقى ئامېرىكا ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ترامپ جۈمە (2026-يىلى 27-مارت) كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن «كەلگۈسى مەبلەغ سېلىشقا يۈزلەندۈرۈش» ناملىق سودا يىغىنىدا: «مەن بۇ كۈچلۈك ئارمىيەنى قۇردۇم. مەن ئەسلىدە <ئۇنى ئىشلىتىشكە ھەرگىز ھاجەت قالمايدۇ> دېگەن ئىدىم، ئەمما بەزىدە ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدىكەنسىز. ئەمدى نۆۋەت كۇباغا كەلدى» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئەمما، مېنى بۇنى دېمىدى دەپ پەرەز قىلىڭلار، بۇ سۆزۈمنى ئاڭلىمىغانغا سېلىڭلار، تاراتقۇلار، سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ سۆزۈمگە پەرۋا قىلماڭلار» دېدى.

كۇبا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارلوس فېرناندېز دې كوسسىيو (Carlos Fernandez de Cossio) يەكشەنبە (2026-يىلى 22-مارت) كۈنى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، كۇبانىڭ ئامېرىكانىڭ «يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەربىي تاجاۋۇزچىلىقى» غا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئۇ: «ئارمىيەمىز ھەر ۋاقىت تەييار، ئارمىيەمىز ئەمەلىيەتتە بۇ كۈنلەردە (ئامېرىكانىڭ) ھەربىي تاجاۋۇزچىلىق ئېھتىماللىقىغا قارىتا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرمەسلىك بەكلا نادانلىق قىلغانلىق بولىدۇ» دېدى.

ئۇ تاجاۋۇزچىلىقنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بۇنداق ھەرىكەت ئۈچۈن ھېچقانداق ھەققانىي سەۋەبنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىنى كۇبادەك قوشنا دۆلەتكە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشقا مەجبۇرلايدۇ؟» دەپ سوئال قويدى.

سەيشەنبە (17-مارت) كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو كۇبا ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل مەملىكەتتىكى توك توختاپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قادىر ئەمەسلىكىنى، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى ھۆكۈمەتكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

ئۇ ئاقسارايدا مۇخبىرلارغا: «كۇبانىڭ ئىقتىسادى ۋەيران بولغان، سىياسىي ۋە ھۆكۈمەت سىستېمىسى بۇنى ئوڭشىيالمايدۇ، شۇڭا ئۇلار چوقۇم تۈپتىن ئۆزگىرىشى كېرەك» دېگەن ئىدى.

ئامېرىكا بىلەن كۇبا 65 يىلدىن بېرى دۈشمەن بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ترامپ ھۆكۈمىتى بېسىمىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Cuba receives humanitarian aid convoy defying US sanctions
ئىزدىنىڭ
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە-قاتار ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى ھەققىدە بايانات بەردى
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا قاتناشمىغان يىغىنلاردا ئۇكرائىنا ھەققىدە قارار چىقىرىش چوڭ خاتالىقتۇر
گوللاندىيە قورال شىركىتى خادىملىرى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىغا ياردەم بەردى
ئورۇچ رەئىس سېيسمىك تەتقىقات پاراخوتى پاكىستان دېڭىز تەۋەلىكىدە ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلايدۇ
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بىلەن كۆرۈشتى
ئاردا گۈلەر خانلىق مادرىد بىلەن بولغان توختامىنى 2032-يىلغىچە ئۇزارتتى
تۈركىيە PlayStation نىڭ سېتىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىدى
مىنىستىر قۇرۇم: ئانتاليادا كۈچلۈك ئورتاق كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئىرادىمىز قەتئىي
ترامپ: ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ياكى رۇسىيەدىن ياردەم سورىمايمىز
Nvidia باشقۇرۇش ھەيئىتى جېنسېن خۇاڭنىڭ قايتىپ كېلىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقتى
ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ۋە تەشكىلاتلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى
تىرامپ: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەل بولۇشقا ناھايىتى يېقىن»
ئىران CNN نىڭ «مەينەت بومبا» خەۋىرىنى «ئىراق ئۇرۇشى ئۇسلۇبىدىكى تەشۋىقات» دەپ رەت قىلدى
FBI سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تېزلەشتۈرۈلگەن «ARTEX» تور ھۇجۇمى قورالى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جېنسېن خۇاڭ تەكشۈرۈشكە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ۋە ۋەزىپىسىگە قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى