سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ نېتانياھۇ بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزدى
ترامپنىڭ نېتانياھۇ بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ترامپ نېتانياھۇ بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزدى
/ Reuters

ترامپنىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رادىيوسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يىرىكلىشىپ كېتىۋاتقان ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رادىيوسى مۇخبىرى يانىر كوزىننىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا تەكىتلىشىچە، ترامپ ئۆزىنىڭ يېقىن خىزمەتداشلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىشلار مىنىستىرى رون دېرمېرغا نېتانياھۇنىڭ ترامپنى كونترول قىلىۋالغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن شۇنداق قارار چىقارغان.

مىنىستىر رون دېرمېرنىڭ  ترامپنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالىرى بىلەن يېقىندا ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرى جەريانىدىكى ئۇسلۇبى تەكەببۇرلۇق ۋە پايدىسىز دەپ قارالغان. 

رون دېرمېر ترامپنىڭ يېقىن خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۆزىگە نېتانياھۇنىڭ ترامپنى كونترول قىلىۋالغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن:

«ترامپنىڭ ئۆزىنىڭ ئەخمەق ياكى ئالدانغان بىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلىشتىن ئەڭ قاتتىق نەپرەتلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ترامپ نېتانياھۇ بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈشنى قارار قىلدى.» 

يانىر كوزىننىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران ۋە يەمەندىكى ھۇسىيلار مەسىلىسىدە كونكرېت بىر پىلان ۋە ۋاقىت جەدۋىلىنى ئوتتۇرىغا قويالماسلىقى ئىكەن.  شۇنداقلا نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ غەززە مەسىلىسىدە كونكرېت بىر تەكلىپ سۇنالماسلىقى ئىكەن.

ترامپنىڭ نېتانياھۇ نېتانياھۇ بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى