سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
G20 باشلىقلار يىغىنى جەنۇبىي ئافرىقادا باشلاندى
دۇنيا رەھبەرلىرى جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكۈزۈلگەن «ھەمكارلىق، باراۋەرلىك ۋە سىجىللىق» تېمىسى ئاستىدا ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان تۇنجى تارىخىي G20 (20 دۆلەت گۇرۇھى) باشلىقلار يىغىنىدا، بىر يەرگە جەم بولدى.
G20 باشلىقلار يىغىنى جەنۇبىي ئافرىقادا باشلاندى
جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى سىرىل رامافوسا G20 باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىنى سۆزلىمەكتە. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى جەنۇبىي ئافرىقانىڭ يوھاننېسبۇرگ شەھىرىدە باشلاندى؛ جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى سىرىل رامافوسا (Cyril Ramaphosa) ئىككى كۈنلۈك يىغىن ئۈچۈن يىغىلغان ۋەكىللەرگە قارىتا تۇنجى نۇتقىنى سۆزلىدى.

جەنۇبىي ئافرىقانىڭ «ھەمكارلىق، باراۋەرلىك ۋە سىجىللىق» تېمىسىغا ئاساسەن، پرېتورىيەنىڭ رەئىسلىكىدە ئافرىقا قىتئەسىدە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ، تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ قەرزىنى يېنىكلىتىشكە مەركەزلىشىشى كۈتۈلمەكتە؛ بۇ (قەرز مەسىلىسى)، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيا مىقياسىدا سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ (بارلىق قاتلاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىياتنىڭ) ئالدىدىكى مۇھىم توسالغۇلاردىن بىرى دەپ قارالماقتا.

رەھبەرلەر يىغىندا يەنە كىلىماتقا ماسلىشىش ۋە پاكىزە ئېنېرگىيەگە ئۆتۈش قاتارلىق باشقا مۇھىم مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلىدۇ.

كۈنتەرتىپتە ئىچكى ھەمكارلىق ۋە بۇ گەۋدىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىگە ئائىت مۇنازىرىلەر ئورۇن ئالغان بولۇپ، رەھبەرلەر ئىككى كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا بىر قاتار ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلەرنىمۇ ئېلىپ بارىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye's Erdogan, other world leaders arrive in Johannesburg to attend G20 summit

ئامېرىكا G20 غا قاتناشمىدى

جەنۇبىي ئافرىقا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رونالد لامولا دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تارىخىي G20 باشلىقلار يىغىنىغا 42 دۆلەتنىڭ قاتنىشىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

G20  نىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بولغان ئامېرىكا بۇ يىللىق باشلىقلار يىغىنىنى بايقۇت قىلدى.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جەنۇبىي ئافرىقانى ئاق تەنلىكلەر ئاھالىسىگە قارىتا «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ، يوھاننېسبۇرگقا ئامېرىكالىق ئەمەلدار ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

 جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى بولسا بۇ دەۋالارنى قايتا-قايتا ئاساسسىز دەپ رەت قىلدى.

بۇ يىل ۋاشىنگتون بىلەن پرېتورىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، ھەم تاشقى سىياسەت ھەمدە ئىچكى سىياسەت مەسىلىلىرىدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرى سەۋەبىدىن ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى.

1999-يىلى قۇرۇلغان 20  دۆلەت  گۇرۇھى 19 دۆلەت بىلەن ئىككى رايونلۇق تەشكىلات — ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىدىن تەركىب تاپىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Guterres urges G20 to push for Sudan ceasefire, stop arms flow
ئىزدىنىڭ
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
تىكتوك 400 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى: ئىران ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆزگەرتتى
ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى: نېتانىياھۇ تۈركىيە بىلەن «كېرەكسىز» جىددىيچىلىك پەيدا قىلماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيەنىڭ 80 دىن 120 گىچە يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: يېڭى ئۇرۇش پارتلىسا ۋەيران قىلغۇچ قوراللارنى ئىشلىتىمىز
ئىران: ئامېرىكانىڭ «ئىقتىسادىي D-Day ھەرىكىتى» ئۆزىنىڭ كىرىزىسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتۇر
رۇمىنىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئىككىنچى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى چۈشۈپ كەتتى
ناتو ئەمەلدارى: ناتو ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار
رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇردى
ترامپ: ئىرانغا ياردەم قىلغان دۆلەتلەرگە غايەت زور ئىقتىسادىي جازالارنى يۈرگۈزىمىز
گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېرز ئىسرائىلىيە ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى بېن گۋىرنى قاتتىق ئەيىبل
زېلېنسكىي: رۇسىيەنىڭ خېرسوندا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ قۇنەيترا ۋىلايىتىدە ئىككى كىشىنى تۇتقۇن قىلدى
ئىران ئارمىيەسى پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى ئاگاھلاندۇردى: ئامېرىكاغا يانتاياق بولماڭلار