ئىران قوشنا دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇردى

ئىران قوشنا دۆلەتلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئەگەر ئۇلارنىڭ زېمىنى ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە، ئۇلارنى «دۈشمەن» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

By
ئىران قوشنا دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇردى / Reuters

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكاغا تەۋە يەنە بىر فىلوتنىڭ ئىرانغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئىران ئامېرىكانىڭ بىر ئاۋىياماتكا باشچىلىقىدىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرى گۇرۇپپىسى ئوتتۇرا شەرق دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئەگەر قوشنا دۆلەتلەرنىڭ زېمىنى ئىرانغا قارشى ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە، بۇ دۆلەتلەرنى دۈشمەن دەپ قارايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسىمى قوماندانى رايونلۇق جىددىيچىلىك ئەۋج ئېلىپ كەتكەن بىر پەيتتە، سەيشەنبە كۈنى مەزكۇر باياناتنى ئېلان قىلدى.

فارس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسىمى دېڭىز كۈچلىرىنىڭ سىياسىي ئىشلار ياردەمچىسى مۇھەممەد ئەكبەرزادە: «قوشنا دۆلەتلەر بىزنىڭ دوستلىرىمىزدۇر، ئەمما ئۇلارنىڭ زېمىنى، ھاۋا بوشلۇقى ياكى دېڭىز تەۋەلىكى ئىرانغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە، ئۇلار دۈشمەن دەپ قارىلىدۇ» دېگەن.

يېڭى فىلوت يولغا چىقتى

بۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يەنە بىر ئامېرىكا فىلوتىنىڭ ئىرانغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئېيتىشى ۋە تېھراننىڭ ۋاشىنگتون بىلەن بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىدىن كېيىن كەلدى.

ترامپ سەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا: «ھازىر ئىرانغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان يەنە بىر گۈزەل فىلوت بار، تېھراننىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ئامېرىكانىڭ رايوندىكى كۈچەيگەن ھەربىي پائالىيەتلىرىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتلار، ۋاشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىگە بولغان ئەندىشىلەرنى كۈچەيتتى.

ئىران دائىرىلىرى دۆلەتكە قارىتىلغان ھەرقانداق ھۇجۇمغا شىددەتلىك قايتۇرما زەربە بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش بىلەن بىرگە، قوشنا دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز زېمىنىنىڭ ئىرانغا قارشى ھەرقانداق ھەربىي ھەرىكەتتە ئىشلىتىلىشىگە يول قويماسلىققا چاقىردى.