تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى قانۇنسىزلىقلىرىنى ئەيىبلىدى
ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ 1967-يىلىدىن بۇيان بېسىۋېلىنغان پەلەستىن تېررىتورىيەلىرىنىڭ، جۈملىدىن شەرقىي قۇددۇسنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە سالاھىيىتىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشكە قارىتىلغان تەدبىرلىرى رەت قىلىندى.
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى قانۇنسىزلىقلىرىنى ئەيىبلىدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يەنە ئىسرائىلىيەنى پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ زوراۋانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى. / AA
2026-يىلى2-ئاينىڭ24-كۈنى

تۈركىيە، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە باشقا 18 دۆلەت، بېسىۋېلىنغان غەربىي قىرغاقنى ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز كونترول قىلىش دائىرىسىنى تۈپتىن كېڭەيتىدىغان بىر يۈرۈش يېڭى قارارلىرى «ئەڭ كۈچلۈك ئىبارىلەر» بىلەن ئەيىبلەندى.

تۈركىيە، بىرازىلىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىدا، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ كۆلىمىنىڭ ئىنتايىن كەڭلىكىنى؛ پەلەستىن زېمىنلىرىنى ئاتالمىش ئىسرائىلىيە «دۆلەت زېمىنى» دەپ قايتىدىن ئايرىشنى، قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش پائالىيەتلىرىنى تېزلىتىشنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىدارە قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى ئولتۇراق رايونلىرى بەرپا قىلىشىنى، ئىلگىرىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرى ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ 2024-يىللىق مەسلىھەت خاراكتېرلىك قارارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا قانۇنلارغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش، دەپ ئەيىبلىدى.

باياناتتا، «بۇ يېڭى قارارلارنىڭ ئەمەلىيەتنى ئۆزگەرتىش ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەمەلىي بېسىۋېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئاشكارا بىر پىلاننىڭ پارچىسى ئىكەنلىكى» ئەسكەرتىلىپ، بۇ خىل قەدەملەرنىڭ رايوندىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىق تىرىشچانلىقلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقى ۋە رايون خاراكتېرلىك ئەھمىيەتلىك بىرلىشىش پۇرسەتلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ قارارلارنى دەرھال بىكار قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە؛ خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلىرىگە رىئايە قىلىشقا ۋە بېسىۋېلىنغان پەلەستىن تېررىتورىيەلىرىنىڭ «قانۇنىي ۋە مەمۇرىي سالاھىيىتى»نى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىۋېتىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشقا چاقىردى.

باياناتتا يەنە، بۇ قارارلارنىڭ «E1» تۈرىنىڭ تەستىقلىنىشى ۋە خېرىدار چاقىرىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن بىرگە، ئىسرائىلىيەنىڭ كۆچمەنلەرنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش سىياسىتىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن تېزلىشىشنىڭ داۋامى ئىكەنلىكى؛ بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇق ئىقتىدارىغا ۋە «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى»نىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا قارىتىلغان قەستەن ۋە بىۋاسىتە ھۇجۇم ئىكەنلىكى ئىپادىلەندى.

بۇ دائىرىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 1967-يىلىدىن بۇيان بېسىۋېلىنغان پەلەستىن تېررىتورىيەلىرىنىڭ، جۈملىدىن شەرقىي قۇددۇسنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى، خاراكتېرىنى ۋە سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە قارىتىلغان بارلىق تەدبىرنى رەت قىلىدىغانلىقىنى تەكرارلاش بىلەن بىرگە، «ھەر قانداق شەكىلدىكى بېسىۋېلىشقا قارشى ئىكەنلىكى»نى بايان قىلدى.

كۆچمەنلەرنىڭ زوراۋانلىقىغا خاتىمە بېرىش

غەربىي قىرغاقتىكى ئەندىشە قوزغاۋاتقان ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىسرائىلىيەنى پەلەستىنلىكلەرگە قارىتىلغان يەھۇدىي كۆچمەنلىرى زوراۋانلىقىغا خاتىمە بېرىشكە ۋە جاۋابكارلارنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىرغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، بولۇپمۇ رامىزان ئېيىدا قۇددۇس ۋە مۇقەددەس جايلارنىڭ تارىخىي ۋە قانۇنىي سالاھىيىتىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، تەكرارلىنىۋاتقان خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ رايونلۇق مۇقىملىققا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا: «پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلارنىڭ كېڭىيىشىگە، مەجبۇرىي كۆچۈرۈش سىياسەتلىرىگە ۋە بېسىۋېلىش تەھدىتلىرىگە قارشى خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدا ئەمەلىي قەدەملەرنى تاشلاش ئىرادىمىزنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

شۇنداقلا، ئىسرائىلىيەنى 1994-يىللىق پارىژ كېلىشىمى بويىچە پەلەستىن دائىرىلىرىگە ئائىت بولغان ۋە تۇتۇپ قېلىنغان باج كىرىملىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. بۇ فوندلارنىڭ غەززە ۋە بېسىۋېلىنغان غەربىي قىرغاقتىكى پەلەستىن خەلقىنى ئاساسىي مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشتە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئادىل، ئەتراپلىق ۋە مەڭگۈلۈك تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى تەكرارلاپ، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىنى 1967-يىلى 4-ئىيۇندىكى چېگرا ئاساسىدا، ئەرەب تىنچلىق تەشەببۇسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ب د ت قارارلىرى بويىچە، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقى ئۈچۈن «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى» دائىرىسىدە ھەل قىلىشنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە بىرلىشىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

باياناتتا يەنە: «رايون خەلقلىرى ۋە دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىكتە ياشاش، پەقەت ۋە پەقەت مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە دېموكراتىك بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەنلا مۇمكىن بولىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
باش مىنىستىر مېرز نېتانياھۇنى غەربىي قىرغاقىنى «قىسمەن بېسىۋېلىش» مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشنى 5 يىل توڭلىتىشنى تەكلىپ قىلدى، ئامېرىكا 20 يىلدا چىڭ تۇردى
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنى يېڭى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز
جەنۇبىي كورېيە بىلەن پولشا مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»
ترامپ ئىرانغا يېڭى ھۇجۇم قوزغاش پىلانىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
ئىران-ئامېرىكا ئۇرۇش جىددىيچىلىكى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ تىغ ئۇچىنى 14- لېيونغا قاراتتى
ئاراقچى: سۆھبەت نابۇت بولۇشتىن ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقان ئىدۇق
ئامېرىكانىڭ ئىران پورتلىرىنى قورشاۋغا ئېلىش قارارىدىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا 175 تىن ئۇرۇش ئەسىرىنى ئالماشتۇردى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا 32 سائەتلىك «پاسكا» ئۇرۇش توختىتىشى يولغا قويۇلدى