2026-يىلى2-ئاينىڭ28-كۈنى
ئىران ئوتتۇرا شەرقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى نىشانلاپ قايتۇرما زەربە بېرىش خاراكتېرلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغىدى. بەھرەيندىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 5-فلوتىنىڭ باش ئىشىتابىنىڭ بىۋاسىتە زەربىگە ئۇچرىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
بەھرەين خەۋەر ئاگېنتلىقى بۈگۈن (28-فېۋرال) جۇففەير/مىنا سالمان پورت رايونىدىكى دېڭىز ئارمىيەسى مۇلازىمەت مەركىزىگە بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشكەنلىكىنى دەلىللىدى.
بەھرەين دۆلەتلىك ئۇچۇر-ئالاقە مەركىزى باياناتىدا: «5-فلوتنىڭ مۇلازىمەت مەركىزى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. تەپسىلاتلارنى كېيىن ئېلان قىلىمىز» دېدى.
ئوتتۇرا شەرق رايونىغا مەسئۇل ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) ھازىرغىچە كۆرۈلگەن زىيان ياكى ئۆلۈم-يېتىم توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
ئىران ئىسرائىلىيەگە باللىستىك بومبا بىلەن جاۋاب قايتۇردى، ئىسرائىلىيە مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى توسۇۋالغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئوتتۇرا شەرقتىكى ئامېرىكا بازىلىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتى ئاستىدا
ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن تېھران ۋە باشقا جايلارغا قىلغان ھۇجۇمىغا بىۋاسىتە جاۋاب ھېسابلىنىدۇ؛
تەۋسىيە













