تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ۋېنېزۇئېلا دائىرىلىرى تۈركىيە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە قەھرىمانلىق ئوردېنى بەردى
ۋېنېزۇئېلا ۋاقىتلىق دۆلەت رەئىسى دېلسى رودرىگۇئېس دۆلەتتە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ۋەزىپە ئۆتىگەن، تۈركىيە قاتارلىق چەت ئەللىك خەلقئارالىق ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە قەھرىمانلىق ئوردېنى بەردى.
ۋېنېزۇئېلا دائىرىلىرى تۈركىيە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە قەھرىمانلىق ئوردېنى بەردى
ۋېنېزۇئېلا دائىرىلىرى تۈركىيە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە قەھرىمانلىق ئوردېنى بەردى

ۋېنېزۇئېلا ۋاقىتلىق دۆلەت رەئىسى دېلسى رودرىگۇئېس ۋېنېزۇئېلادا يەر تەۋرەشتە ئەڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان لا گۇئايرا رايونىدىكى چەت ئەللىك قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى تۇرۇۋاتقان لا گۇئايرا پورتىنى زىيارەت قىلدى.

ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىۋان گىل، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى دىئوسدادو كابېللو ۋە مەملىكەتلىك پارلامېنت باشلىقى خورخې رودرىگۇئېسمۇ قاتناشقان زىيارەتتە، رودرىگۇئېس قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە «ۋېنېزۇئېلا قەھرىمانى» ئوردېنى تەقدىم قىلدى.

رودرىگۇئېس يەنە تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بىرىگادىسىنىڭ قوماندانى گېنېرال-مايور مەھمەت باختىيار بىلەن ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى دېڭىزلى ئۆلكىلىك شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ھالۇك ئۆناي ئېرتەنگىمۇ قەھرىمانلىق ئوردېنى بەردى.

تۈركىيە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ۋەيرانچىلىقلار ئاستىدا ھاياتىي رول ئوينىغان 6 قۇتقۇزۇش ئىتىغىمۇ «ۋېنېزۇئېلانىڭ قەھرىمان ئىتى» ئوردېنى بېرىلدى.

رودرىگۇئېسنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان رەھمەت ئۇچۇرىمۇ تۈركىيەنىڭ كاراكاستىكى باش ئەلچىسى ناسى ئايدان قارامانئوغلۇغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

باش ئەلچى قارامانئوغلۇ رودرىگۇئېسنىڭ چەت ئەللىك قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە تەشەككۈر ئېيتىش مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنت ۋەكىلى ھۆرمەتلىك دېلسى رودرىگۇئېس بۇ مۇراسىمدا لاگېردا تۇرۇۋاتقان قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە، دۆلىتىمىزدىن كەلگەن قۇتقۇزۇش ئەترىتىگە ۋە ئەترەت رەھبەرلىرىگە مېدال تەقدىم قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا تۈركىيە دۆلىتىمىز ئۈچۈنمۇ ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزگە تەشەككۈر مەكتۇبى ۋە تەشەككۈر ئوردېنىنى يەتكۈزدى. بۇ ئوردېنى ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەترىتىمىز بىلەن بىرگە ئەۋەتىمىز. بۇ مۇراسىمدا يەنە گۈزەل بىر ئەسلىمىمۇ قالدى. بۇ يەردە ئەترەتلىرىمىز بىلەن بىرگە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىتلىرىمىزمۇ مېدالغا لايىق كۆرۈلدى. ئۇلارنىڭمۇ بۇ يەردە قىلغان قىممەتلىك خىزمەتلىرى مۇكاپاتلانغان بولدى.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تەشەككۈر

قارامانئوغلۇ رودرىگۇئېسنىڭ تەشەككۈر مەكتۇبى ھەققىدە توختىلىپ: «رودرىگۇئېس ماڭا ئوردېنىنى يەتكۈزۈۋاتقاندا، ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىزگە ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى، تۈرك خەلقىگە رەخمەت ئوقۇيدىغانلىقىنى، يەر تەۋرەشنىڭ تۇنجى دەقىقىسىدىن باشلاپلا تۈركىيەنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ يېنىدا بولغانلىقىنى ۋە شۇ سەۋەبتىن مىننەتدار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى. ئۈمىد قىلىمىزكى ۋېنېزۇئېلانىڭ بېشىغا بۇنداق بىر ئاپەت قايتا كەلمىگەي، ئەمما بۇ مۇساپىدە باشتىن-ئاخىر ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ يېنىدا تۇردۇق» دېدى.

«ۋېنېزۇئېلا قەھرىمانى» ئوردېنى، ۋېنېزۇئېلادىكى ھالاكەتلىك يەر تەۋرەشلەردە ۋەزىپە ئۆتىگەن چەت ئەللىك خەلقئارالىق قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە تەقدىم قىلىنىش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلاندى.

ئىزدىنىڭ
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى