سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
كۇبا ئەلچىسى: كۇبالىقلار ئامېرىكانىڭ مەخپىي ھەربىي ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ
كۇبانىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىسى ليانىس توررېس رىۋېرا (Lianys Torres Rivera) ھەرقانداق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ «قانلىق پاجىئە» بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، كۇبالىقلار ياكى ئامېرىكالىقلارنىڭ ئۆلۈشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
كۇبا ئەلچىسى: كۇبالىقلار ئامېرىكانىڭ مەخپىي ھەربىي ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ
كۇبانىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانا بىناسى. (سۈرەت: ئا پ) / AP

كۇبانىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى باش ئەلچى ليانىس توررېس رىۋېرا كۇبالىقلارنىڭ ئامېرىكانىڭ ھەرقانداق يوشۇرۇن ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى ئۆزلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ جۈمە (2026-يىلى 15-ماي) كۈنى ئېلان قىلىنغان «The Hill» خەۋەر تور بېكىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «بىز ئۆزىمىزنى قوغداشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە: «بىزنىڭ تەييارلىق قىلىش ئۇسۇلىمىز ھۇجۇم خاراكتېرلىك ئەمەس. بىز ئامېرىكا زېمىنىغا ياكى ئامېرىكا خەلقىگە قارىتا بىرىنچى بولۇپ ھەرىكەت قوللىنىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقىنىمىز يوق. بىز ئۇنداق قىلىشنى خالىمايمىز» دېدى.

توررېس رىۋېرا ھەرقانداق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ «قانلىق پاجىئە» بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، كۇبانىڭ «كۇبالىقلارنىڭ كۇبادا ئۆلۈشىنى» ياكى «بىرەر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشىنى» خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ بۇ سۆزلىرىنى كۇبا ئامېرىكانىڭ قامال قىلىشى ئاستىدا ئېغىر يېقىلغۇ يېتىشمەسلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك توك توختاپ قېلىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە ئېيتتى.

ئۇ كۇبانىڭ «ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى» ئۈستىدە سۆھبەتلىشىشكە بولمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھاۋانانىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن تەھدىت ئەمەسلىكىدە چىڭ تۇردى.

ئۇ: «بىز پەقەت ئۆز كېلەچىكىمىزنى كۇبالىقلار خالىغان ئۇسۇلدا بەلگىلەش ئۈچۈن ئۆز ھالىمىزغا قويۇپ بېرىلىشنىلا خالايدىغان كىچىك بىر ئارال دۆلىتىمىز» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Cuba mulls US offer of $100M in aid as CIA boss visits Havana

كاستروغا قارىتا ئەيىبنامە

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ترامپ ھۆكۈمىتى كۇبانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى رائۇل كاستروغا قارىتا جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلەش ئېلان قىلىشنى پىلانلىغان. بۇ ھەرىكەت مەزكۇر ئارال دۆلىتىگە بولغان بېسىمنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىكەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەزكۇر ئەمەلدار فېدېراتسىيە تەپتىشلىرىنىڭ 20-ماي (2026) كۈنى مىيامىدا 94 ياشلىق كاستروغا قارىتا ئەيىبنامەنى ئاشكارىلاشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بۇ ئەيىبلەش 1996-يىلى كۇبا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ كۇبادىن قاچقان بىر گۇرۇپپا ئولتۇرغان ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈش ۋەقەسىنى ئاساس قىلغان.

ئەيىبنامە ئالدى بىلەن چوڭ زاسداتىللار تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى كېرەك. بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى تۇنجى بولۇپ «Miami Herald» گېزىتى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا 1-ئاي (2026) دا ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونى تەختىدىن چۈشۈرگەندىن كېيىن، كۇباغا نېفىت ساتقان ياكى تەمىنلىگەن ھەرقانداق دۆلەتكە تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان ئىدى. نەتىجىدە كۇبادىكى ئېنېرگىيە كىرىزىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەتكەسچى ئۆلدى
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 9 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقلىرىنى فلورىدادا باشلىدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: تۈركىيە ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم بىر كاپالەت
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ناتو بالتىق دېڭىزىدا كىچىك كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋانغا ئىچكىرىلەپ كىرمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پارىس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇملارنى قىلدى
تروپىكال بوران-چاپقۇنى «ژاڭمى» (Jangmi) ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سودا ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە باردى