ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە يېڭى بىر ئايرودۇرۇم ئېچىلدى
ئوچېرىك
4 مىنۇت ئوقۇش
ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە يېڭى بىر ئايرودۇرۇم ئېچىلدىتۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېڭى ئايرودۇرۇم، بىر كۆۋرۈك ۋە تۇتاشتۇرۇش يوللىرىنىڭ 7 — 8-ئىيۇل كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاتنىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە يېڭى بىر ئايرودۇرۇم ئېچىلدى / AA

7 — 8-ئىيۇل كۈنلىرى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى، دۈشەنبە كۈنى ئەنقەرە ئايرودۇرۇمى ئېچىلدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېڭى قاتناش تۈگۈنلىرىنىڭ زىيارەتكە كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنى بىۋاسىتە قاتناش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەنقەرە ئايرودۇرۇمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئەردوغان، پايتەخت 7 — 8-ئىيۇل كۈنلىرى باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ تۈرلەرنىڭ ئەنقەرەنىڭ ئاۋىياتسىيە ۋە قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«قوش يۆنىلىشلىك يول بۆلىكىگە جايلاشقان 3 كىلومېتىرلىق تۇتاشتۇرۇش يولى ئارقىلىق ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ بىۋاسىتە قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.»

ئەنقەرە ئايرودۇرۇمى، ھەم دۆلەت ئىچى ھەم دۆلەت سىرتى لىنىيەلىرىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدىن كېيىنكى پايتەختتىكى ئىككىنچى ئايرودۇرۇم بولۇپ قالدى.

ئەردوغان ئايرودۇرۇم ۋە مۇناسىۋەتلىك سېلىنمىلارنىڭ «رېكورت» خاراكتېرلىك بىر ۋاقىت بولغان 230 كۈن ئىچىدە تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 6 كىلومېتىر 500 مېتىرلىق قوش يۆنىلىشلىك يول ۋە 6 كىلومېتىرلىق بىر لىنىيەلىك يولنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 12 كىلومېتىر 500 مېتىرلىق تۇتاشتۇرۇش يولىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس مەزكۇر تۈرلەرنىڭ ئەنقەرە ئايرودۇرۇمىدىن شەھەر مەركىزىگىچە بولغان 17 كىلومېتىرلىق كۈچلۈك بىر قاتناش تورى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە خەلقئارا دىپلوماتىيەنىڭ مەركىزىگە ئايلانماقتا

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ دۇنيا سىياسىتىدىكى سالمىقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئەنقەرەنىڭ دىپلوماتىيە مۇساپىسىدىكى ئورنىنىڭ ھەر يىلى تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«پەقەت 4 سائەتلىك ئۇچۇش ئارقىلىقلا 1 مىليارد 500 مىليون ئادەم ياشايدىغان 67 دۆلەتنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان تۈركىيە، خەلقئارا دىپلوماتىيەنىڭ يۈرىكى سوقىدىغان جايغا ئايلىنىشقا باشلىدى.»

ئەردوغان يەنە، 5 — 7-ئىيۇن كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە 183 دۆلەتتىن 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان «نۆل تاشلاندۇق مۇنبىرى» نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، تۈركىيەنىڭ 2026-يىلى ساھىبخانلىق قىلىدىغان بىرنەچچە مۇھىم خەلقئارالىق پائالىيەتلەر توغرىلىقمۇ توختالدى.

جۇمھۇر رەئىس تۈركىيەنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا 77-قېتىملىق خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى قۇرۇلتىيىغا، ئاندىن نويابىر ئېيىدا تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا ۋە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 31-قېتىملىق يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئايرودۇرۇم چوڭ تىپتىكى ئايروپىلانلار ۋە رەسمىي ئۇچۇشلارغا تەييار

ئەردوغان: «ئەنقەرە ئايرودۇرۇمى ئارقىلىق پايتەختىمىزگە يېڭى بىر تۈرنى قوشۇپلا قالماي، ئاۋىياتسىيە تارىخىمىزدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان بىر ئەسەرنىمۇ قايتا جانلاندۇردۇق» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ بۇيرۇقى بىلەن 1933-يىلى قۇرۇلغان ۋە ئۇزۇن مەزگىل ھەربىي ئاۋىياتسىيە مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن ئايرودۇرۇمنىڭ يېڭى بىر قىياپەت ۋە زامانىۋى ئەسلىھەلەر بىلەن رېمونت قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئۇچۇش يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى 2 مىڭ 450 مېتىردىن 3 مىڭ مېتىرغا، كەڭلىكىنى بولسا 42 مېتىردىن 60 مېتىرغا چىقاردۇق؛ يول چەتلىرىنى پۈتۈنلەي يېڭىلىدۇق. قونۇش-قوزغىلىش يولىنىڭ باش تەرىپىگە جەمئىي 15 مىڭ كىۋادرات مېتىر چوڭلۇقتا 2 دانە بۇرۇلۇش مەيدانى قۇردۇق. 160 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئايروپىلان توختىتىش مەيدانى ئارقىلىق، 44 ئايروپىلان بىرلا ۋاقىتتا بىخەتەر توختىيالايدىغان يۇقىرى سىغىملىق بىر ئورۇن ھاسىل قىلدۇق.»

ئەردوغان قونۇش-قوزغىلىش يولى ۋە يۆتكىلىش يوللىرىدىكى يورۇتۇش سىستېمىلىرىنىڭ، يېقىنلىشىش چىراغلىرى ۋە يۆنىلىش بەلگىلىرىنىڭ خەلقئارا پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن ھالدا زامانىۋىلاشتۇرۇلغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئايرودۇرۇمدا يەنە 4 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىر يېپىق ساھەگە ئىگە بىر دۆلەت مېھمانخانىسى ۋە 310 ئاپتوموبىللىق ئوچۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان كېڭەيتىلگەن قونۇش-قوزغىلىش يولى، يېڭى ئايروپىلان توختىتىش مەيدانلىرى، زامانىۋى يۆتكىلىش يوللىرى ۋە ياخشىلانغان ئۇل ئەسلىھەلەر بىلەن ئەنقەرە ئايرودۇرۇمىنىڭ چوڭ تىپتىكى ئايروپىلانلارغا ۋە رەسمىي ئۇچۇشقا تەييار ھالغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇزۇنلۇقى 140 مېتىر كېلىدىغان پايتەخت ئاۋىياتسىيە كۆۋرۈكىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، 10 مىڭ توننىلىق كۆۋرۈك تاختىسىنىڭ تۈركىيەدە ئىلگىرى ئىشلىتىلمىگەن بىر ئۇسۇل بىلەن كۆۋرۈككە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەسەنبوغا دەم ئېلىش مەزگىلىدە تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئاۋات 4-ئايرودۇرۇمى بولۇپ قالدى

ئەردوغان 9 كۈنلۈك قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئايرودۇرۇملارنىڭ ھەممىسىدە جەمئىي 51 مىڭ 962 ئايروپىلان قاتنىغانلىقىنى ۋە 7 مىليون 600 مىڭ يولۇچىغا مۇلازىمەت قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىمىز 2 مىڭ 557 ئايروپىلان قاتنىشى ۋە 382 مىڭ يولۇچى سانى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ ئاۋات تۆتىنچى ئايرودۇرۇمى بولۇپ قالدى. 20 يىل ئىلگىرى يىللىق 3 مىليون يولۇچىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمى، بۈگۈنكى كۈندە يىللىق 15 مىليون ئەتراپىدا يولۇچىغا مۇلازىمەت قىلماقتا.»

ئەردوغان ئەنقەرە ئايرودۇرۇمىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ ئەسەنبوغا  ئايرودۇرۇمى لىنىيەسى ئەتراپىدىكى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق قاتنىشىنى يىنىكلىتىشكە ياردىمى بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەردوغاننىڭ ئايروپىلانى مۇراسىمدىن ئىلگىرى ئەنقەرە ئايرودۇرۇمىدا سۇ كۆۋرۈكى مۇراسىمى بىلەن كۈتۈۋېلىندى.

ئەردوغان دۇئا قىلىنغاندىن كېيىن، ئەنقەرە ئايرودۇرۇمىنى، پايتەخت ئاۋىياتسىيە كۆۋرۈكىنى ۋە تۇتاشتۇرۇش يوللىرىنى رەسمىي ئاچتى.

ئىزدىنىڭ
2023-يىلىدىن بۇيان ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى ئالدىنقى 17 يىلدىكى ئومۇمىي ساندىن ئېشىپ كەتتى
رۇسىيە: ئۇكرائىنانىڭ تاتارىستانغا قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا 4 كىشى يارىلاندى
ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا يۇقىرى دەرىجىلىك خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلىدۇ
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى گېرمانىيەدە «ياۋروپا-ئاتلانتىك خەۋپسىزلىكى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزدى
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە توقۇنۇش يۈز بەردى
ترامپ نىشان قىلغان خارگ ئارىلى قانداق ئارال؟
ترامپ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى
ئامېرىكا ناتونىڭ ياۋروپادىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قىسقارتىشنى پىلانلىماقتا
كانادا باش مىنىستىرى كارنېي: تۈركىيە ناتو ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىتتىپاقداش
«ئەرمېنىيە-تۈركىيە تۆمۈر يولىنىڭ <تېز سۈرئەتتە> ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»
فىدان: ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ سۆھبەتنى قايتا باشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز
خىتاينىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا يەتتە كىشى ئۆلدى، 17 كىشى يارىلاندى
مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيە ئوچۇق دېڭىزىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىت قەبرىستانلىقىنى بايقىدى
ئەسلى گۈۋەن: «يېقىن شەرقتىكى تىنچلىق رايون خاراكتېرلىكلا ئەمەس، يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەجبۇرىيەت»
ترامپ ئىرانغا كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر بىلەن تەھدىت سالدى