سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ۋانس ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش بولۇش ئېھتىماللىقىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋانس ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش ئۈچۈن «ھېچقانداق ئېھتىماللىق يوق» دېدى.
ۋانس ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش بولۇش ئېھتىماللىقىنى رەت قىلدى
ۋانس ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش بولۇش ئېھتىماللىقىنى رەت قىلدى / Reuters

 ۋانس ئىلگىرىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ چەكلىك بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، دىپلوماتىيەنىڭ يەنىلا ئەڭ ياخشى تاللاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋانس پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئىران بىلەن داۋاملىشىۋاتقان يادرو سۆھبەتلىرى جەريانىدا، مەزكۇر دۆلەتكە قارىتا ھەربىي تاللاشلارنى ئويلىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئاخىرى كۆرۈنمەيدىغان بىر ئۇرۇشقا كىرىپ قالمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ۋانس ۋىسكونسىندىكى بىر پائالىيەتتىن ۋاشىنگتونغا قايتىش يولىدا «The Washington Post» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بەرگەن باياناتىدا، ئۇزۇن يىللار داۋاملىشىدىغان بىر توقۇنۇش پىكىرىنى رەت قىلدى. ئۇ مەزكۇر گېزىتكە بەرگەن باياناتىدا: «ئالدىمىزدا ئاخىرى كۆرۈنمەيدىغان، يىللارچە داۋاملىشىدىغان بىر ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدا يەر ئالىمىز دەيدىغان قاراشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يوق» دېدى.

بۇ باياناتلار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىراننىڭ پەيشەنبە كۈنى جەنۋەدە تېھراننىڭ يادرو پىروگراممىسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنتايىن خەتەرلىك مۇزاكىرىلەرنىڭ داۋامى سۈپىتىدە، ۋاسىتىلىك سۆھبەتنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىندى. ئىران دائىرىلىرى پىكىر ئىختىلاپلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، مۇزاكىرىلەرنى سەمىمىي ۋە ئۈنۈملۈك دەپ تەسۋىرلىدى.

ۋانس ئۆتكەن يىلى ئىراندا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتنى ۋە يانۋار ئېيىدا ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ قولغا ئېلىنىشىنى چېگراسى ۋە نىشانى ئېنىق بولغان ھەربىي ھەرىكەتلەرگە مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇ بۇ تەشەببۇسلارنىڭ ئېنىق مەقسىتى ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋانس ئۆزىنى يەنىلا «چەت ئەلگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشقا گۇمان بىلەن قارايدىغان بىر شەخس» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ «Post» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا: «مېنىڭچە ھەممىمىز دىپلوماتىك تاللاشنى ئەۋزەل كۆرىمىز. لېكىن بۇ ئەھۋال ھەقىقەتەن ئىرانلىقلارنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىغا ۋە نېمە دەيدىغانلىقىغا باغلىق» دېدى.

ئۆتمۈشتىكى توقۇنۇشلاردىن ھاسىل قىلىنغان تەجرىبە-ساۋاقلار ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋاب بەرگەن ۋانس، بۇ تەجرىبە-ساۋاقلارنى ھەم ئۇنتۇپ قالماسلىق، ھەم ئۇنى قارىغۇلارچە تەكرارلىماسلىق كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دېدى:

«ئۆتمۈشتىكى خاتالىقلارنى تەكرارلاشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆتمۈشتىكى تەجرىبە - ساۋاقلاردىن ئارتۇقچە مەنا چىقىرىشتىنمۇ ساقلىنىشىمىز لازىم. بىر پىرېزىدېنتنىڭ بىر ھەربىي توقۇنۇشنى ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلالماسلىقى، ھەرگىزمۇ بىزنىڭ بىر ھەربىي مۇساپىگە قايتا قاتنىشالمايدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى جەنۋە يىغىنىنى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغان «جىددىي» بىر يىغىن دەپ تەسۋىرلىدى ۋە تەخمىنەن بىر ھەپتە ئىچىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئاراقچى ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرىغا بەرگەن باياناتىدا: «ئەلۋەتتە يەنىلا پىكىر ئىختىلاپلىرى بار، بۇ تەبىئىي ئەھۋال؛ ئەمما ئۆتمۈش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەر ئىككى تەرەپ مۇزاكىرە قىلىنغان بىر ھەل قىلىش چارىسى تېپىش مەسىلىسىدە تېخىمۇ كۆپ سەمىمىي پوزىتسىيە تۇتماقتا.»

ترامپنىڭ دۆلەت ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش نۇتقى بولسا، دائىرىلەر دىپلوماتىيەنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسى ۋە يادرو نىشانلىرىغا بولغان ئەندىشىلەرنى كۈچەيتىۋەتتى.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى